>
  • 2010-01-03

    ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]

    تومتاق گەپ

     

    گەپنى تومتاقلا قىلاي: بار بىر ئەيىب،

    بىر ئەيىبكى، دىل يېرى كەتمەك لېيىپ،

    كىم شۇ ھالغا چۈشتى، نەق روھەن مېيىپ،

    بۇ مېيىپلىكتە ئەقىل دائىم زەئىپ،

    يەتسە ئەقلىڭگە زەئىپلىك، پۇت تېيىپ،

    ئامىتىڭ قاچقاي، ياتارسەن باش قېيىپ،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    بىئەدەپلىك ئەيىبى نۇقساننىڭ بېشى،

    ئۇ زالالەت، جەبرى-بوھراننىڭ بېشى،

    مىندىمۇ ئۇ، پەستە ئىنساننىڭ بېشى،

    بىل، ئەدەپتۇر بارچە ئىمكاننىڭ بېشى،

    ئادىمىيلىك ئىچرە «مىزان» نىڭ بېشى،

    ئۇ ئۈمىد، ئۇ ئارزۇ-ئارماننىڭ بېشى،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    ئەلدىن ئۈستۈنلۈك تالاشتىڭ-پەسلىكىڭ،

    بەلكى پەسلىكتىنمۇ بەك خار-خەسلىكىڭ،

    ئەل ئۇلۇغ، يۈكسەك، بۇنى بىلمەسلىكىڭ

    كىبرى شەيتانلىق، يەنە ناكەسلىكىڭ،

    گەر پەقەت يېشىلمىسە بۇ «مەست» لىكىڭ،

    بىر تىيىن مىڭ پۇر باھا «ئەتلەس» لىكىڭ،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    گەر ئىناق، ئەپ ئۆتمىسەڭ ئەل-يۇرت بىلەن،

    يوق تۇيۇڭدا ئېيتقۇچى «ئايھاي يۆلەن»،

    قوينى يۇرتنىڭ زەر بۆلەنچۈكمىش، بۆلەن !

    ئەل ھىمايەڭ، ئەل مۇرەببىڭ، تاغ، يۆلەن !

    شۇ يۆلەنچۈككە قوپۇردىڭمۇ گۈرەن،

    ياخشىلىق يوق، قانچە قىل، قانچە تىلەن،

    سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    يەتسە قۇربىڭ ئەيلە ھاجەتنى راۋا،

    ئاچقا نان بەر، توڭلىغانغا ياپ جۇۋا،

    «بەش قولۇڭ ياغلاشسا، قوشناڭغا سۇۋا !»

    قىلمىسۇن زەردەڭ غېرىبنى بىناۋا،

    كىمكى دائىم «يەل» دە بۇلغاپتۇ ھاۋا،

    ۋاقتى-پەيت كەلگەندە دەردى بىداۋا،

    سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    «مېۋە» كۆزلەپ شاخنى يىرما ھە دېسە،

    مىنمىسۇن ئەقلىڭگە نەپسىي ۋەسۋەسە،

    ئەيلىگىن رەت، ئىشتىھايىڭ «مەن!» دېسە،

    تەنگە سىڭگەي ھەق ھالاللاپ تەڭ يېسە،

    ھەققى ئامدىن قاچ، بۇنى كىم بىلمىسە،

    كۈتمىسۇن ئەلدىن مېھىر، ياردىن بۈسە !

    سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    يۈزگە يۇققان كىر سوپۇندالسا چىقار،

    دىلغا يۇقسا كىر، سوپۇن قىلمايدۇ كار،

    كۆڭلى ئۇزلۇق ھەممىدىن ئۇز نەۋ باھار،

    شۇ باھارىڭدىن چېچەك ئاچ، چاچ ئىپار،

    گەر «چېچەك»كە قونسا مەينەت چاڭ-غۇبار،

    مېۋىدىن مەھرۇم بېغىڭ، مىڭ قىل بىكار،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    نەقلا گەپ، سەن ئۇشبۇ ئىشتىن بول ھېزى !

    دىل يېرىڭنى لايلىتىشتىن بول ھېزى،

    كىبىرىنى دالۋايلىتىشتىن بول ھېزى،

    ئەلنى «داد، ۋاي-ۋاي!...»لىتىشتىن بول ھېزى،

    ئالدىراپ شىلتىڭ ئېتىشتىن بول ھېزى،

    قىممىتىڭ لايغا پېتىشتىن بول ھېزى،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.

     

    ئەلمىساقتىن «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق»،

    ئۆتسە كەلكۈن پەسلى تارىممۇ قۇرۇق،

    يازدا رەڭدار، كۈزدە قانداق گۈلسۇرۇخ،

    توختىماي ھالۋازلىغانغا شاش تورۇق،

    جىم بولۇر ئاغزىغا چۈشسە قاڭتۇرۇق،

    شۇڭا دەيمەن، بول ھېزى، بوشراق زورۇق،

    مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،

    بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.  

    1992-يىل 22-دېكابىر، خوتەن

    ئەللىك ياشقا توشقان كۈنۈمدە

    (سورۇندا ئوقۇلغان نەزمە)

     

    جامائەت قوللىدى ئەللىك يېشىمنى،

    كۆتۈردى زېمىندىن كۆككە بېشىمنى.

    دەممۇ دەم ئۆتكۈزدى ئەنجۈمەن-مەشرەپ،

    شۇنىڭغا مىڭ كۆزدە تۆكتۈم يېشىمنى.

    بىلەتتىم، دىلدىمۇ دوستلىرىم كۆپكەن،

    چۈشەندىم «خىزىر» دەك قەلەمدىشىمنى.

    خەلق مېنى يار بىلگەچ بېشىم ئاسماندا،

    ياق! مەڭگۈ «پۇت يەردە» دەي كەچمىشىمنى:

    بىر ئۆمۈر شېئىر يازدىم (مۇقامى ھەرخىل)،

    كۈلدۈرۈپ، يىغلىتىپ، ئاھ، دىلكىشىمنى.

    ئەقىلنى كېيىن تاپتىم، ئۆتكىنى كەتتى،

    ۋىجدانىم كەچۈرمەس نۇرغۇن ئىشىمنى.

    ئەللىك ياش-ئەرلىك ياش، چاچلىرىمدا ئاق،

    تۈگەتتىم ئەللىك ياز، ئەللىك قىشىمنى.

    ھېلىھەم ئارزۇ كۆپ، قىلغايمەن خىزمەت

    ئەل-يۇرتقا، يوقاتماي ئەقلى-ھوشۇمنى.

    1993-يىل  20-نويابىر 

    ھەيرانمەن

     

    پاختەك بىچارە يىتتىغۇ ئۆيسىز-ماكانسىز، ئاچ قېلىپ،

    تۇرۇلغىلارمۇ كەتتىغۇ قوغلاپ يۈرۈپ «قاچ-قاچ» قىلىپ.

    دۇمباقچى قۇشنىڭ نەسلى يوق، «توك-توك»لىمايدۇ تۇمشۇقى،

    كەسكەچكە بىز كاداڭ تېرەك، ئۈجمە، ياڭاقنى «گاچ» قىلىپ.

    چاشقاننى باقسا دورىدا، سەكراتقا چۈشمەمدۇ مۈشۈك؟

    يۈزلەپ مۈشۈك بولدى شېھىت چاشقاننى چايناپ «ماچ» قىلىپ.

    خوشلاشتى ئالەمدىن پاقا، پاشا، چىۋىن ... لەر شادىمان،

    بىر تالنى «ھاپ» ئەتسە، شۇئان قويدى يېلىن يانپاچ قىلىپ.

    تۇتقاچ پەلەكنى گاز بۇ دەم، بەك قىسقا پەسلى ياز بۇ دەم،

    سايرامچى قۇشلار ئاز بۇ دەم (ئېيتمايدۇ خور «ۋاچ-ۋاچ» قىلىپ.)

    ئۆسمەيدۇ بوي-پەتەك تولا، ئۈنمەيدۇ، تاڭ، چاچلار ئالا،

    كىم دەر ئۇنى ياپياش بالا، قويسا مۇھىت ئاق چاچ قىلىپ؟

    قىزلاردا ئايدەك رەڭگىروي، ئەپسۇس سېمىزلىك دەردى ھوي !

    يىتكەچكە زىلۋا بەستى-بوي، غەمنى يۈرەر ھاپاچ قىلىپ ...

    يىتكەن، يوقالغان، كەتكىنى نىم بوپتۇ، ئويلايلى قېنى،

    ئۆز پەيلىمىز «رۇس» نەرسىنى جىم قويمىغان، قىيپاش قىلىپ.

    بىر تاللا بۇ يەرشارىمىز، بولمايدىكەن گەر كارىمىز،

    يەرشارىنىڭمۇ كارى يوق، بەرگەي جازا يالىڭاچ قىلىپ !

    1995-يىل ئىيۇل،  خوتەن

    «ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us