>
  • 2009-12-24

    ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]

    مېنىڭ شېئىرىيەت مىزانىم

     

    سۆيگىنىم شېئىر، بۇ كەسپىي ئىشتىياقتىن كەچمىدىم،

    كۆيگىنىم ئارۇز ۋەزىن، شۇ ئوت-پىراقتىن كەچمىدىم.

    باغۇ-بوستانلارنى كەزدىم «پائىلاتۇن» غا مىنىپ،

    «بەھرە» لەردىن بەھرىلەنگەندە تۇراقتىن كەچمىدىم.

    بولسا رەختىڭ، تون كىيەمسەن ياكى كەمزۇل، ئىختىيار،

    نۇسخا تاللاش بىر شەكىل، مەزمۇن-پۇراقتىن كەچمىدىم.

    «يېڭىلىق» دەپ چاپتى خەقلەر «كونا» ياقماي كۆڭلىگە،

    ئىزدىدى ئۆرنەك بۆلەك قىتئە-يىراقتىن، كەچمىدىم.

    ئېيتتى: بەش يۈز يىلدىن ئاشتى بىر قېلىپتا بۇ نەزم،

    كۆچمىسەك بولمايدۇ قىڭغىر ئولتۇراقتىن، كەچمىدىم.

    مۇشت كۆتۈردى تەلۋە داۋراڭ، تارتتى تىغ ئىنكارچىلىق،

    چىقمىدى ئىنكارغا لايىق ئوق ياراغدىن، كەچمىدىم.

    «يا ئېچىشسۇن، يا قېچىشسۇن، بولمىسا ئۇ شېئىر ئەمەس!»

    دەپ نەۋائىي پەرلىگەن بۇ شام چىراغدىن كەچمىدىم.

     

     

    ئىككى ئاپەت بەك يامان

     

    ئىككى ئاپەت بەك يامان-زالىم بىرى، «ئالىم» بىرى،

    زالىمى ئەركنى بوغار، ۋاھ، «ئالىمى» روھنىڭ كىرى.

    ئىككىسى گەر ھەمتاۋاق، يوق يۇرتتا شادلىقتىن ئەسەر،

    كۈلكە يىتكەي، باغنى چۈمكەر «ئىت-مۈشۈك»نىڭ خىر-خىرى.

    ئالىمىدىن پەتىۋا بار، زالىمىدىن مۇشت، تېپىك،

    كۆر، بۇ ھالدا كۆپ جاھاننىڭ يامغۇرىدىن گۈلدۈرى.

    زۇلمى زالىم خۇددى خۇسراۋ بار بىساتى ھەيۋە، دوق،

    ساختا ئالىم گەپچى-نەپچى-نەقلا مەستان كەمپىرى.

    بىرىنىڭ كۈچ قەھرى-پايچەك، نە ئامالىڭ ئالمىساڭ،

    بىرنىڭ مىكرى جازانە ئەھلىنىڭ تەشۋىق دىرى.

    ئاۋۇ «چۈشتە چىقتى ئاي!» دەر، ماۋۇ يۇلتۇزنى چاتار،

    كەشپ، كارامەت دەر يۇرۇقتا ئاينى كۆرگەنلىك سىرى...

    گەر تىلەك شۇ: دىل ئازادە، بەختىيار، ئەركىن ياشاش،

    تاڭغا ياق مەڭزىڭنى، ھەق بولسۇن مۇرادىڭ دىلبىرى.

    يۇل چىمەندىن خار تىكەننى، بەلكى قول پەنجەڭ قانار،

    ئەمما ھالى ۋاي تىكەنلىك بولسا گۈلشەن تەقدىرى.

    روزى، سەن سۆزلە مۇدام بۇ ئىككى ئاپەتتىن قوشاق،

    پەيلى زالىم، ساختا ئالىمدىن خەلق يۈرسۇن نېرى !

     

     

    سوراڭ

     

    بۇ جاھان جەبرۇ جاپاسىن كۆڭلى ۋەيراندىن سوراڭ،

    دوزىخىي زۇلمەتنى كۆرگەن بەختى گۇمراندىن سوراڭ.

    مۇددىئا بولسا ئىشق شەمشادىنى پەرۋىش قىلىش،

    قاغدىلىپ تاشلاپ يۇپۇرماق شېخى قالغاندىن سوراڭ.

    «نە ئۈچۈن بۇلبۇل پىراق ھىجرىدە؟» بىلمەك بولسىڭىز،

    باغرى زەرداپ، ئاھلىرى ئوت، بەختى يانغاندىن سوراڭ.

    مەيلىڭىز بولسا مۇھەببەت سىرىنى ئۇقماق ئۈچۈن،

    نۇرنى دەپ ئوت-شامدا كۆيگەن جىسمى خار جاندىن سوراڭ.

    گەر لېۋى گەز-گەز بۇ چاڭقاق ھالىنى ئەيپ ئەتسىڭىز،

    ئۆزىڭىز تەشنايى لەۋ بولغان چېغى ئاندىن سوراڭ.

    «كىم سېنى قويغان بۇ كۈن ھالغا» دېمەكچى بولسىڭىز،

    ئەل بىلەن ھېچ كارى يوق خاندىن ۋە دەۋراندىن سوراڭ.

    گەر دەلىل لازىم ئىكەن، كۆزنى ئېچىڭ، بىزنى تېپىڭ،

    تاشقا چۈشكەن چىنە ياڭلىغ كۆڭلى سۇنغاندىن سوراڭ ! ...

     

     

    ئۆكسۈمەس

     

    ئەي ياران، شەكلەنمە ئالەمدىن، ھىدايەت ئۆكسۈمەس،

    چىن مۇھەببەت، ياخشىلىق، مېھرۇ-ھىمايەت ئۆكسۈمەس.

    نەپسى شەيتان، روھى چىركىن ساختىپەزلەر بىر ئوچۇم،

    «بىر ئۇچۇم» لار پەيلىدىن بەلكى جىنايەت ئۆكسۈمەس.

    رىزقى مىسكىننىڭ رەزىللەر ئەيشىگە يەمدۇر، شۇڭا،

    قانچە چەك قويغانسېرى ئاۋۇپ خىيانەت ئۆكسۈمەس.

    «ئەپقېچىپتۇ، يەپ قېچىپتۇ، سېپ قېچىپتۇ...» ۋەززۇھا،

    ئون ئېغىزنىڭ توققۇزىدىن شۇ شىكايەت ئۆكسۈمەس...

    بىر قاراشقا چەرخى گەردۇن تەتۈر ئايلانمىش بۇ دەم،

    توختىغاي ئۇ قانچە ئايلانسۇن، ناھايەت ئۆكسۈمەس.

    نەۋ باھارلىق تاڭدا چەشمە شىلدىرى فونتان ياسار،

    پەزلى پاكلىق، قەلبى ئاقلىق دەۋرى غايەت، ئۆكسۈمەس،

    ئوڭنى تەتۈر تالىغاقنىڭ قىسمىتى شەرمەندىلىك،

    ئەلنى شاد ئەتمەككە، بىل، پەرمان-ئىنايەت ئۆكسۈمەس !

     

    «ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us