>
  • 2009-11-29

    ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]

     

    ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر

    1. ئانا  قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى-تەپتى ھېچقاچان سوۋۇمايدۇ.

    2. ئانىنىڭ ئاچچىق سۆزى-بالىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاچىدۇ.

     3. ئانا ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى.

     4. دۇنيادىكى ئىككى ئۇلۇغ زاتنىڭ بىرى-ئانا، بىرى-ئۇستاز.

     5. مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا.

     6. تىل–ئاھانەت ئىچىدىمۇ بىر خىل ساپ مۇھەببەت بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى-ئانىنىڭ بالىنى تىللىشى.

     7. ئىنسانلار ئارسىدىكى بارلىق گۈزەللىك ۋە ئىللىقلارنىڭ ھەممىسى ئانا مېھرىدىن كېلىدۇ.

     8. دۇنيادا ھەرقانداق قەرزنى قايتۇرۇش مۇمكىن، بىراق ئانا سۈتىگە مال-دۇنيا چىقىش قىلمايدۇ..

     9. دۇنيادىكى ھېچقانداق گۈل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمدىن چىرايلىق ئەمەس.

     10. شان–شەرەپ ئىزدىمە، ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدە.

    11. دۇنيادا ئانىنىڭ ئىسمىدەك مەڭگۈ ئۆچمەس ئىسىم يوق.

    12. ئەڭ بىباھا بۈيۈكلۈكمۇ ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى ئالدىدا ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالىدۇ.

    13. باھارغىمۇ، تاڭغىمۇ ئانىلار گۈزەللىك ئۆلەشتۈرىدۇ.

    14. سېخىيلىك بابىدا، ھەتتا قۇياشمۇ ئانىلار ئالدىدا خىجالەتتە قالىدۇ.

    15. ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا، زېمىن تىترەيدۇ.

    16. ئانا قەدرى-ھايات قەدرى.

    17. پەرزەنت ئۈچۈن ئانا باغرىدىن ياخشىراق، يېقىملىق ۋە سۆيۈملۈكرەك ئورۇن يوق.

    18. دۇنيادا ھېچبىر گۈل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمىدىن چىرايلىق ئەمەس.

    19. ئانىنىڭ بىر قولى بۆشۈكنى، بىر قولى دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.

    20. ئانا مېھرى شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئىكەنكى، ئۇ ئىنتايىن غۇۋا ۋە ئاجىز ھالدا ئەكس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ساپلاشتۇرالايدۇ.

    21. دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مەرتىۋىمۇ ئانا مېھرىبانلىقى ئالدىدا ھەيرانۇ-ھەۋەستۇر.

    22. ئانا قېنىڭغا قان، جېنىڭغا جان، قانىتىڭغا قاناتتۇر.

    23. پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە، ئاناڭغا قىلغان خىزمىتىڭدىن پەخىرلەن.

    24. ئانىلىق مېھىر-ئاياللاردىكى تەبئىي خۇسۇسىيەتتۇر، بارلىق مېھرى-مۇھەببەت مۇشۇنىڭدا باشلىنىپ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

    25. ئانا دەپ ئون قېتىم شېئىر يازغۇچە، ئانا دەپ بىر قېتىم قولىدىكى سۈپۈرگىنى ئال.

    26. ئانا مېھرى ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت ئارىلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ھېساپلىنىدۇ. مۇھەببەتنىڭ بەزى شەخسىيەتچىلىك تەرەپلىرى بار بولسىمۇ، بىراق ئانا مېھرىدىن بۇنى تاپقىلى بولمايدۇ.

    27. ئانا قۇياشتۇر، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شەپقەتچىسى، ئۇنىڭسىز ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس.

    28. ئانىنىڭ پەرزەنت قەلبىدىكى ئورنىنى شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار ئالالمايدۇكى، ئانا بالىلىرى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىللە بولالايدۇ. بىللە يىغلاپ، بىللە كۈلەلەيدۇ. بالىنى ئانىسى ئۇرسىمۇ، بالا يەنىلا «ئانا» دەپ يىغلايدۇ.

    29. يەر يۈزىدىكى ھەممە گۈزەللىك ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن پەيدا بولغان.

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us