>
  • 2009-12-05

    سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]

    «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» دىن ھېكمەتلەر

     

    1. ھەرقانداق بىر مەنىۋىي ئىنقىلاب ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.

    2. مەدەنىيەت مەجبۇرلاشتىن ئەمەس، ئادەمنىڭ ئىچكى قايىللىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

    3. مۇھەببەت مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنىڭ جەۋھىرى، ھۆرمەت ئۇنىڭ پوستى.

    4. سېنىڭ دىيانىتىڭ ئالدىڭدا تۇرغان يېتىمنىڭ  كۆز يېشىنى سۈتۈشۈڭدىن باشلىنىدۇ.

    5. ئۆز قەۋمىدىن ياكى ۋەتىنىدىن كېچىپ تاپقان ئۇلۇغلۇقلارنىڭ ھەممىسى پۈچەكتۇر.

    6. قولدىكى ئالامەت قول ئىگىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    7. باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ، تەبىئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ھەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.

    8. بىر جەمئىيەتنى نوقۇل ھالدا ئەقىلگە تايىنىپلا ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ، تارىخمۇ ھەم شۇنداق.

    9. ھەسرىتى يوق ئايال يۈزەكى ئايالدۇر.

    10. ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك.

    11. مۇساپىرلىقنىڭ خېمىر تۇرۇچىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئېلىپ چىققان ئادەم باشقا ئەللەردىمۇ مۇساپىر.

    12. ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى. ئۇ يىلىك، مەرىپەت ، ھەقىقەت. قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە ، كاپالەتنامە، ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.

    13. شائىر ھايات ھېكمەتلىرىنى تەبىئەتتىن بايقايدىغان ئادەم.

    14. شائىر دېگەن ئوت، ئۇ يېنىپ تۇرمىسا ئۆچۈپ قالىدۇ، يېنىپ تۇرغانىكەن، ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ ئوتقا مۇھتاج تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.

    15. سېغىنىش ___ ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.

    16. ساقلىقنىڭ قەدرى دوختۇرخانىدا، ۋەتەن قەدرى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بىلىنىدۇ.

    17. ھەر بىر تاللاش كىشى تەقدىرىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    18. بىز ئۆزگىرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلۈكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك.

    19. كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.

    20. تارىخ يېزىش ئارخېئولوگىيىنىڭ  چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھەركىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ.

    21. بىر بولسا ئارتۇقچە ھاكاۋۇرلۇق، بىر بولسا ئارتۇقچە كەمتەرلىك ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەر ئىپادىلەيدىغان بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پوزىتسىيە.

    23. دىل دىلنى، تىل تىلنى تونۇمىغان جايدا پاناھگاھنىڭ تېپىلىشى تەس.

    24. بىر يازغۇچىنىڭ ھەسرىتىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ مېھنىتى ۋە شۆھرىتىگە خەلق ئىگە، نادان ئەلنىڭ يازغۇچىسى تېخىمۇ شۇنداق ھالغا قالىدۇ.

    25. ئىچىڭ سۆزلىگۈدەك نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەندە كىتاب ئوقۇغۇدەك رايىڭ قالمايدۇ.

    26. قۇش ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسمۇ ئۇنىڭ يەيدىغان دېنى زېمىندا بولىدۇ.

    27. ئۆيۈم كىتاب بىلەن توشتى، كاللام تەپەككۇر بىلەن. لېكىن، كىتاب قويغۇدەك ئۆي ، گېپىمنى ئاڭلىغۇدەك ئۈلپەت يوق.

    28. دىيارىمىزدىكى ۋاقىت كونا كېگىزگە، شىۋاق باسقان قەبرىلەرگە، تەكلىماكاندىكى قاقشال توغراقلارغا ئوخشايدۇ.

    29. ھالال ئەقىدە ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە غەم-ئەندىشە، تۈرلۈك ۋەھىمە بىلەن تولغان بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملىك  شىپاخانا، ساغلام ئەقىل ۋە زەخمەتسىز بىلىم ئائىلىنى شەرت قىلغان ھالدا يېتىلىدۇ.

    30. ۋەتەن ھەرگىزمۇ جۇغراپىيىلىك مەنىدىكى زېمىن ئەمەس، بەلكى  ئۇزاق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىللىي روھ.

    31. قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن ئۇچۇر بېرىدىغان روھ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك.

    32. ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۇ.

    33. زەي تام سۇۋاق تۇتمىغاندەك، ساپاسىز ئادەم ئاز-تولا پۇلدارلىقنىمۇ ئۆزىگە ياراشتۇرالمايدۇ.

    34. روھىي توقچىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەربىيىنىڭ مەھسۇلى.

    35. كىچىك بىر ئىشقا قىلىنغان مۇئامىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ھەتتا بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    36. ھەرقانداق ھوقۇقشۇناس ئالدى بىلەن بىر ئىنسانشۇناس بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئاياشنى بىلىدۇ.

    37. خىجىلچانلىق تىل ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى، سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ تېرىسى قەلەيدەك بولۇشى كېرەك.

    38. تەپەككۇر ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن بېيىپ بارىدۇ.

    39. ۋاقىت ئۆزىنىڭ دەل ۋاقتىدا قوبۇللانمىغان سوۋغىلىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىشكە بەك ئۇستا.

    40. تونۇتۇش ۋە تونۇش مىللىي كىملىكنىڭ تېشى ۋە ئەستىرى.

    41. مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.

    42. ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ، باشقا تىللار كۆز ئەينەك، دۇربۇن، تېلىسكوپ،  مىكروسكوپ ... دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەرقانچا ئېسىل بولسىمۇ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.

    43. ئىشلىتىشتىن ئۆتمىگەن بىلىم ھەقىقىي بىلىم ئەمەس.

    44. شەھەر بىر مىللەتنىڭ روھىي ھەيكىلى.

    45. بىزگە ئىنسانلارنىڭ رەھمىتى ۋە سۆيۈنچىسى كېرەك ئەمەس، بەلكى ئىنساب كېرەك.

    46. ھەرقانداق تەلىم-تەربىيە  ئىنسان توغرىسىدىكى قەدرىيەتتىن باشلىنىدۇ.

    47. ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلار يېتىمدۇر. ۋاھالەنكى، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەتتۇر.

     

    «ئاي يامغۇرى» رومانىدىن ھېكمەتلەر

     

    48. بېشى يوغان بەگ بولىدۇ، قولى يوغان قۇل بولىدۇ.

    49. بۇ دۇنيادا دوستلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە ــــ كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.

    50. يالغان گەپنىڭ پۇتى بولمىغان بىلەن قانىتى بار.

    51. بىر ئادەمنى سىناش ئۈچۈن بىر تاغار تۇزنى بىللە يە !

    52. ئېشەك ئۆزىنى تاغ، سايىسىنى باغ، سۈيدۈكىنى ياغ چاغلايدۇ.

    53. ئۆكۈزنىڭ بوينىغا چۈشكەن بويۇنتۇرۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە موزاينىڭ بوينىغا چۈشمەي قالمايدۇ.

    54. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت تېگى ـــ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش.

    55. ئىشىك پاكار بولغاندىن كېيىن ئېڭىشىپ كىرمەي نېمە ئامال !

    56. قارىغۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشسەڭ گوداڭغا چۈشىسەن. 

    57. دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ، داستىخاندا ھەممە ئادەم دوست.

    58. ئىچىڭنى تاماقتىن خالىي تۇت تاكى ئاڭا كىرەلىسۇن نۇرى-مەرىپەت،

    بۇرنۇڭغىچە لىققىدە تۇرسا تائام قانداق سىغار ئۇنىڭغا ئىلىم مەرىپەت.

    59. نادانلىق، مەنىۋىي گادايلىق بەئەينى  ئىنسان  ئىنسان جىسمىدىكى مەڭگۈ يۇيۇپ بولمايدىغان كىرغا ئوخشايدۇ.

    60. جاپا–ئازاپ چېكىپ، ئىنسان ھۆر بولىدۇ،

         سەدەپتە قامىلىپ، قەترە دەۋر بولىدۇ.

    61. كەپتەرنىمۇ چالا پوكان باقمىساڭ، قاپاق شالدىرلاتقاندا ئۆگزىگە چۈشمەيدىغان بولىۋالىدۇ.

    62. ئىتنىڭ ئېغىزى تەگكەنگە دەريا سۈيى بۇلغىنامتى.

    63. شەخسىيەتچىلىك كىمدە يوق؟ كىشى دېسە لەۋمۇ يۇمۇلمايدۇ. ئۆزۈم دەپ باقساڭ لەۋلىرىڭ بىر-بىرىگە يىملىشىپ كېتىدۇ.

    64. چاشقان تۇتۇشنى بىلىدىغان مۈشۈك مىياڭلىمايدۇ.

     

    «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» دىن ھېكمەتلەر

     

    65. ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

    66. شەھەر-مەدەنىيەتنىڭ بالىياتقۇسى.

    67. پىسخىكا نۇرمالسىزلىقى كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئۆز روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    68. تارىخ ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى پەقەتلا غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ.

    69. رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ـــــ مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزدۇر.

    70. ئۆلۈم ـــ ھاياتلىقتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىك، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ئىنساننىڭ ھەددى ئەمەس.

    71. ئۆلۈم ــ ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت.

    72. ئۆلۈم ـــ ھالاكەت  ئېڭىنىڭ مەنبەسى.

    73.ئۆلۈم بىر خىل تېراگىدىيە يۈكسەكلىكى.

    74. ئۆلۈم تۇنجى بولۇپ  ئىنسانىيەتتىكى ئۈزۈل-كېسىل  تەپەككۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىمىلىك سىر .

     


    收藏到:Del.icio.us