ياقتۇرۇش بولسا - سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇزۇن ئالاقىلاشماي، بىر كۈنى تۇساتتىن ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ئالغان چاغدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - قارشى تەرەپ بىلەن بىر قانچە كۈن ئالاقىلاشمىسڭىز ، تاقەتسىزلىك بىلەن تىلفۇن ئۇرىسىز، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاۋال ئۆپكىڭىزگە ئۇرىلىدۇ ، ئاندىن سىز كۈلىسىز.
ياقتۇرۇش بولسا - ئۇنىڭ بىلەن يۇز كۆرۇشكەن ۋاقتىڭزدا ئۇنىڭ سىزنىڭ يىقىن ئادىمىڭىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - ئۇ ھەر مىنۇت ، ھەر سىكىنۇت يادىڭىزدىن چىقمايدۇ، كۆز ئالدىڭىزدىن كەتمەيدۇ.
ياقتۇرۇش بولسا - تىخمۇ شېرىن بۇلىدۇ.
ياخشى كۆرۈش بولسا - قىرتاقلىقى بىلەن جاننى ئالىدۇ، لىكىن چىن دىلىڭىزدىن رازى بۇلىسز.
ياقتۇرۇش بولسا - سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىڭىزدا سىز ئۆزىڭىزنى ناھايتى خوشال ھىس قىلسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا سىز ئاجايىپ غەلىتە تۇيغۇلار ئىچىدە قىينىلىسىز.
ياقتۇرۇش بولسا- قارشى تەرەپ بىلەن ئىككىڭلار ئۇتتۇرسىدا داۋاملىق تۈنۈگۈن ۋە بۇگۈننىڭ پارىڭى بۇلىدۇ.
ياخشى كۆرۈش بولسا - ئۇنىڭ بىلەن ئەتەڭلەر ھەققىدە گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى قىلىسز.
ياقتۇرۇش بولسا - بەخىش ئىتىدىغىنى مەڭگۈلۈك شاتلىق.
ياخشى كۆرۈش بولسا - كۆپ ۋاقىتلاردا يىغىغا تۇلغان بۇلىدۇ.
ياقتۇرۇش بولسا - قارشى تەرەپ ئىسڭىزگە كەلگەندە يىقىملىققىنە كۈلۈپ قۇيىسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - قارشى تەرەپ ئىسڭىزگە كەلگەندە ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرۈيسىز.
ياقتۇرۇش بولسا - ئۇنىڭ بالىسى بۇلسا چۇقۇم ياخشى كۆرۇپ قالىمەن دەپ ئۆيلايسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - بىر كۈنلەر بالىمىز بۇلۇپ قالسا بالىمىز كىمگە ئۇخشار دەپ باش قاتتۇرىسىز.
ياقتۇرۇش بولسا - ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن زۇرقلىنىسىز.
ياخشى كۆرۈش بولسا - ئۇنىڭ كەمچىلىكىگە چاپان ياپىسىز.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |
|
|