نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

چـــــــۈش تـــــەدبـــــىـــــر

يوللانغان ۋاقتى: 23:25 04-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەرئۆزلىرىنىڭ ھەم

         چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەرئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇتەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەرئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .
تۆۋەندە بىز ئۆزىمىزتوپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز .
بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپ دۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .
--------------------------------------------------------------------------------

1.ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسەئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغاخەتەر يېتەر .
2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسەگۇناھى ئازلىغان بولۇر .
3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەخۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر . -
4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .

5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .
6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسەپەرزەنت كۆرگەي .
7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋەھۆرمەتلىك بولغاي .
8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .

9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتاربولۇر .
10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسەبىناما ز بىلەن دوست بولۇر .
11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەبىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .

12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسەكېسەل بولۇر .
13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈشكۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .
14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .
15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسەچوكان ئالۇر .
16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسەدۈشمەن قەسىت قىلۇر .
17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .
18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .
19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .
20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .

21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسەپەرزەنت نىسىپ بولۇر
22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەركېلۇر .
23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسەئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسەغەمكىن بولۇر .
25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .
26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسەبالىسى باتۇر بولۇر .
27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسەشۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس . -
28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .

29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسەھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .
30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسەبالىسى نەغمىچى بولۇر .
31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈكبولۇر .

32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسەبالىسى بېخىل بولۇر .
33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردەخەتەرگە ئۇچرار .
35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسەسەپىرى سالامەت بولۇر .
36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .

37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرىئۇزۇن بولۇر .

38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسەخەلىققە باش بولۇر . c
39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .
40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەنېمەتكە داخىل بولۇر .

41.كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىنيېقىلۇر .
42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .

43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپچۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .
45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسەبالىسى يىتىم قالۇر .
46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .
47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەمەككار پەرزەنت كۆرەر .
48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .
49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسەئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .

50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسەئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسەخوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .
52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسەپەرزەنت كۆرمەس .
53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .

54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسەمۈشكىلى ئاسان بولۇر .

55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .

56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسەرەنجىگە گىرىپتار بولۇر .

58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسەداۋاگەر بولۇر .
59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر .
60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .
61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسەغەمگە قالۇر .
62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسەغەمدىن قۇتۇلار .
63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈشكۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .
65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسەياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .
66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسەئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .

67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسەپۇل ماللىرى ئامان بولۇر .

68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسەغۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر . >

69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپبولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .
70. زىكەر غايىپ بولساپەرزەنت كۆرمەس .
71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .

72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپچۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .

73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈشكۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .
74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپچۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .
75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسەغەمگە قالۇر .
76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسەئۆيگە بەركەت كىلۇر .
78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسەبەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .
79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .
80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسەھاجىتى راۋا بولۇر .
81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسەيۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .
82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسەھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .

84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسەمۇرادىغا يېتەر .

85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەنماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .
86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسەخوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .

87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقامېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .
88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈشكۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .
90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسەرىزقى كۆپ بولۇر .
91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسەبىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .
93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسەرىزقى كۆپ بولۇر .

94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسەيىغا - زارلىق بولۇر .

96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .
97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈشكۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر . '
98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .
99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپچۈش كۆرسە قىزدۇ
101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .
102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .

103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسەنائەھلى بىلەن دوست بولۇر .
104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسەكېسەل بولۇر .
105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .
107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسەئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .

108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسەقارغۇ پەرزەنت كۆرەر .
109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .
110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈشكۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .
112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .
113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈشكۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .
114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈشكۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .
115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسەخۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .
116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسەدوستى قولىغا كېلۇر .
117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .

118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈشكۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈشكۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .

121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈشكۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .
122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسەياخشى كۈن كۆرەر .
123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .
124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپتارتقاننىڭ سۈرىدۈر .

125. روھ دەشنام قىلىپ چۈشكۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .
126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسەساقايماس كېسەلگە قالۈر .
127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسەئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .

129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .
130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈشكۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .
131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .
132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈشكۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .

133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .
134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسەمەرتېبىلىك بولۇر .
135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسەخۈدانىڭ جامالىدۈر .

136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .

137. ئاي كۈن بىر يەردە جەمبولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .
138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈشكۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .

139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .

140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسەيۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .
141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .
142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈشكۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .

143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈشكۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .
144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسەبىر ئالىم ۋاپات بولۈر .

145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسەگۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .
146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسەقۇرۇق سۆزگە قالۇر . j
147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسەپادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىقبولۇر .
148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .
149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈشكۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .

150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسەيېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغانئىشى چالا بولۇر .
151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسەقەرزدار بولۇر .
152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسەتىنەپ قالۇر .
153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈشكۆرسە بەختى كېلۇر .
154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭقولىغا قالۇر .
155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈشكۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .
156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .

157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسەيىغا زارلىق بولۇر .
159. دەللە تون كېيىپ چۈشكۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .
160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈشكۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .
161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسەرەنجى مىھنەتلىك بولۇر . .

162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .

163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسەبەتنامگە قالۇر .
164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسەدۆلىتى زىيادە بولۇر .
165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈشكۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .

166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسەدۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسەپاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .

168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسەھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .

169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپچۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .
170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .

171 كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسەخەلقىغە چوڭ بولۇر .

173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسەروھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .

174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .

175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسەروھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .
176. روھقا بىر نەرسە بېرىپچۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .
177. قازانغا ئوت قالاپ چۈشكۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .

178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسەكەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسەئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .
179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسەخوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .
180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاقچېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس . ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسەئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .
181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسەدۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .
182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسەپۇشايمانغا قالۇر .
183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .
184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسەھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .
185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسەدىدار كۆرىشەر .

186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .
187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسەھاجىتى راۋا بولۇر .
188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .
190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسەمەينەتچىلىككە قالۇر .
191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسەمۇشكىلى ئاسان بولۇر .
192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىيمۇسۇلمان بولۇر .

193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈشكۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .
194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس .
195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈشكۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .
196. ېۇرۇق بۇغداي سېمىزبۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسەمەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر .

ياخشىكەن
(11)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر