ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئومۇرتقىسىنى ئاسرىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 23:28 08-11-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
.

OFİS EGZERSİZLERİ

ئادەتتە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلاردا ئومۇرتقىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئومۇرتقىسىنى ئاسراشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1.ھەر سائەتتە بىر قېتىم ياكى 2 سائەتتە بىر قېتىم ئومۇرتقىنى يېنىك ئۇۋۇلاش، پۇت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ، مۇسكۇللار جانلىنىپ، مېڭە سەگەكلىشىپ، ئومۇرتقىنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

2.ئومۇرتقىنى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كىيىنىش، بەلنى ئىسسىق ساقلاپ، ئومۇرتقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

3.چۈشتە ئوڭدا يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. يېرىم كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا يېرىم سائەت ئوڭدا يېتىپ ئارام ئالسا، ئومۇرتقىنى ئاسراش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

4.ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. ئۇزۇن مۇددەت روھى چۈشكۈن بولسا، نېرۋا ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سۆڭەك بوغۇمى ۋە مۇسكۇللار بوشىشىپ، ئومۇرتقا ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

5.بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ بويۇن، مۈرە، بەل قىسمىنىڭ مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك.


مەنبە : شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر