ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

قانداق كىشىلەر ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-02 05:41 مەنبەسى: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيقۇسىزلىق ئادەمنى ئازابلايدۇ. ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغانلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچمەكچى بولسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇ
  

ئۇيقۇسىزلىق ئادەمنى ئازابلايدۇ. ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغانلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچمەكچى بولسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ تۆۋەندىكىلەر ئۇيقۇ دورىسىنى خالىغانچە ئىچسە بولمايدۇ.

    ھامىلىدار ئاياللار ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ بەزىلىرى تۆرەلمىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي بوۋاقنىڭ ئېمىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، بوۋاقتا سېرىقلىق ۋە ئۇيقۇسىراشنى پەيدا قىلىدۇ.

    بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن دورا تەركىبىدىكى ماددىلار سۈتكە ئۆتۈپ، بوۋاققا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا ئانا ئۇيقۇ دورىسى ئىشمىسە قەتئىي بولمىسا، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىۋېتىش كېرەك.

    قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ۋاقتى يېقىنلاشقاندا جىددىيلىشىپ ئۇخلىيالماي، ئۇيقۇ دورىسىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە، دورا مىقدارى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇ دورىسىغا خۇمار بولۇپ قېلىپ، بۇ دورا تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

    ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار بۇنداقلار كەچتە ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۇخلىسا، ئەتىسى بېشى قېيىش، قەدەملىرى ئېغىرلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ – دە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ.

    يېنىك، ئوتتۇراھال ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇيقۇ دورىسى ئاساسەن جىگەر ئارقىلىق تەسىر قىلىدۇ، بۆرەك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. ئۇيقۇ دورىسى ئىچكۈچىنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز بولسا، دورىنىڭ ئالمىشىش ۋە چىقىپ كېتىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، دورا بەدەندە تۇرۇپ قېلىپ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ ۋە بەدەننى زەھەرلەپ قويىدۇ. ئۇيقۇ دورىسى سۆرەلمە كاناي يەللىكى ۋە زىققا كېسىلى بارلارنىڭ نەپىسىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ يىغىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئۇخلىغاندا نەپىسى قىسىلىدىغانلار ئۇيقۇ دورىسىنىڭ ئادەم مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، نەپەسلىنىش يولى توسۇلۇش كېسىلى بارلار ياكى ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قالىدىغانلار ئۇنى ئىچسە بولمايدۇ.

    جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلار ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ بەزىلىرى، ئالايلۇق، دىئاپام (安定) دەپ ئاتىلىدىغىنى چوڭ مېڭە ئەتراپ سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ جىنسىي ھەۋەسنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. قان ئازلىق ۋە تۆۋەن قان بېسىمى كېسىلى بارلار. ئۇيقۇ دورىسىنىڭ ئادەم مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاش ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى مۇسكۇلنى بوشىتىش رولىنىڭ تەسىرىدە قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ – دە، كىشى ئاسانلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

    ئۆتكۈر گلائۇكوما (青光眼) ۋە ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇنداقلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن، ئۇلاردىكى گلائۇكوما ۋە مۇسكۇل ئاجىزلىقى كېسىلى تېز ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

    سۆرەلمە خوراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇنداق ئاغرىقلارنىڭ تولىسىنىڭ تېنى ئاجىز بولىدۇ، تېنى ئاجىزلارنىڭ ھەر قانداق دورىغا، جۈملىدىن ئۇيقۇ دورىسىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، دورىغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، دورا بۇنداقلاردا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

    كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۆپ خىل دورا ئىچىۋاتقانلار دورىلارنىڭ بىر – بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغان دورىلارنىڭ ئۆز ئارا كاشىلا تۇغدۇرۇشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىپالىق رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    دىئاگنوزى تېخى ئېنىق بولمىغان ئۆتكۈر، ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار بەزى ئاغرىقلاردا كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، بىئارام بولۇش، تىت – تىت بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئۇيقۇ دورىسى ئەكېلىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە كېسەل ئالامەتلىرى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولماي، ئۈنۈملۈك داۋالاش كېچىكىپ كېتىدۇ.

    ھاراق ئىچكەنلەر ئىسپىرت بىلەن ئۇيقۇ دورىسىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، ھاراق ئىچكەندە ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ھەددىدىن ئارتۇق تورمۇزلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىدۇ.

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر