نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

سېمىزلىكنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىرى بولامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 14:09 06-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

 ئەرلەردىكى ئۇرۇقدان، ئاياللاردىكى تۇخۇمدان ئۆزىگە خاس بولغان ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئەرلىك ۋە ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى تېستوستېروننى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى پىروگېستېروننى ئىشلەپچىقىرىدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇنىنىڭ مىقدارى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئاماترۇدا قاتارلىق كىشىلەر 22 نەپەر سېمىز ئەرلەر قېنىدىكى ئەركىن تېستوستېروننى تەكشۈرگەندە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قېرىنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ساغلام كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى تېستوستېرون مىقدارىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا، سېمىز ئاياللار بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇننىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگەندە، قىزىقارلىقى بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ قېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ساغلام ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ خىلدىكى سېمىز ئاياللارنىڭ تۈكلۈك بولىدىغانلىقى ھەم ھەيزنىڭ نورمال بولمايدىغانلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان.
دېمەك ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سېمىز كىشىلەر بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇننىڭ مىقدارى نورمال بولمايدۇ. سېمىز ئەرلەرنىڭ قېنىدىكى تېستوستېرون مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. سېمىز ئاياللار قېنىدىكى جىنسىي ھورمۇن مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ مەزگىلدىن بۇرۇن توختاپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار، ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە نورمال بولغان جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر