خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىشىدىكى ساغلام ئۇسۇللار
يوللانغان ۋاقتى: 18:26 24-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
1. باشنى ئۇۋىلاپ بېرىش چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز، چۈشتە مېڭىڭىزنى ياخشى ئارام ئالدۇرمىسىڭىز بولم
1. باشنى ئۇۋىلاپ بېرىش
چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز، چۈشتە مېڭىڭىزنى ياخشى ئارام ئالدۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا، جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىڭىزنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن، باش، يۈز، مۈرە ۋە بويۇنلىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ بېرىڭ. ئۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: قول بارماقلىرىڭىز بىلەن چېچىڭىزنى ئالدىدىن كەينىگە تاراپ بېرىڭ،چېكىڭىز ۋە باشنىڭ چوققىسىدىكى پەللىلەرنى بېسىپ ياكى سىقىپ بېرىڭ، قۇلاق، بويۇن، مۈرە ۋە قول مۇسكۇللىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ سىقىپ بېرىڭ.
2. چۈشتە بەدەن چېنىقتۇرۇش
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقىتىڭىز چىقمىسا، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا چېنىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق تەرلىۋالسىڭىز چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتتە زېھنىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
3. يۈزگە مۇز يېقىش
ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ باسسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ياپونىيەلىكلەر يۈزنى يۇيۇش ئارقىلىق ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن بەك ئالدىراش بولغاندا، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا يۈزىڭىزگە مۇز يېقىپ بېرىڭ. قولياغلىقنى سوغۇق سۇ ياكى مۇز سۈيىگە چىلاپ، يۈزىڭىزگە ئۈچ قېتىم ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە يېقىپ بېرىڭ.
4. بىرەر دەم مۈگدىۋېلىش
چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا بىرەر تىنچ جاينى تېپىپ،بىردەم تىنچ ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋېلىش كۆڭۈلگە ئەڭ ياقىدىغان ياخشى دەم ئېلىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. ئىشخانىدا بۇنداق شارائىت بولمىسا، بوش ۋاقىت چىقىرىپ بىردەم مۈگدىۋېلىڭ. ئويغانغاندىن كېيىن ئازراق كېرىلىپ ھەرىكەت قىلىپ، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتسىڭىز، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىشلىيەلەيسىز.
5. قىزىقارلىق ئويۇن ئويناش
مېڭىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا زېھىن سىنايدىغان بەزى ئۇششاق ئويۇنلارنى ئويناڭ، مەسىلەن: خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن شاھمات ئويناڭ ياكى قىزىقارلىق قول ئىشلىرىنى قىلىڭ.
6. سەيلە قىلىش
سەيلە قىلىش چۈشلۈك دەم ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەت. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئەتراپتىكى باغچا، كۆكەرتىش بەلبىغى قاتارلىق ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىڭ. ئادەم ئاز جايلاردا رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش ياكى پۇت-قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئانچە-مۇنچە تەرلىۋالسىڭىز، بەدەن قۇۋۋىتىڭىز ۋە روھىي ھالىتىڭىز بىردەمدىلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
7. خىزمەت ئۈستىلىنى رەتلەش
چۈشلۈك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ خىزمەت ئۈستىلىنى رەتلەپ، خىزمەت مۇھىتىڭىزنى ئىمكانقەدەر پاكىز ۋە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ۋاقىت يار بەرسە، چۈشتىن بۇرۇن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىڭىزنى رەتلەپ، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇڭ. بۇنداق ئاددىي ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، دەم ئېلىش ھالىتىدىن تەبىئىي ھالدا خىزمەت ھالىتىگە ئۆتۈپ، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئازادە ۋە كۆڭۈللۈك ئىشلىيەلەيسىز.
8. ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىش
چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىشلار ياكى كۈتۈنۈش جەھەتتىكى تەسىراتلىرىڭىز توغرىسىدا پاراڭلىشىڭ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىڭ. چۈنكى تاماقتىن كېيىن 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئۆرە تۇرۇش تاماقنى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە قورساق سېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |
|
|
------分隔线----------------------------