نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

سېمىز كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 14:07 06-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-
  بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا چىققان چىيقاننىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ. بەزىبىر ياش سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ۋە يوتىسىغا دائىم چىيقان چىقىدۇ. ياشانغان سېمىز كىشىلەرنىڭ 1/3 ىدە يۈزلىرىگە ۋە بەدىنىگە چىيقان چىققان كېسەل تارىخى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى تۈك خالتىسى ۋە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئىچىدە دائىم باكتېرىيە بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن بەدەننىڭ كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، تېرە ماي بەزلىرى كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ئاجرىتىلىپ چىققان مايلار تېرە ماي بەزلىرىنىڭ تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇن ئىششىيدۇ، يوغىنايدۇ، سۈركىلىدۇ، ئاخىرى ياللۇغلىنىپ چىيقان پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ بەدىنىگە چىققان چىيقان ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ ئېغىز ئېلىپ، يىرىڭ چىقىپ، ياللۇغلىنىش ياخشىلىنىپ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ، لېكىن بەزى سېمىز كىشىلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بەدىنىگە چىققان چىيقان داۋاملىق يوغىناپ، ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئالماي، ياللۇغلىنىش ئېغىرلىشىپ، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، مايلىق تاماقنى ئازراق يەپ، تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئىلمان سۇ بىلەن داۋاملىق يۇيۇنۇپ ئورۇقلاش بۇ خىلدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىز كىشىلەردە باشقا ئورگانلارنىڭ ياللۇغلىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى سېمىز كىشىلەرنىڭ ئېتى ناھايىتى بوش كېلىدۇ، ئىسسىقتىن قورقىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، شۆلگىيى كۆپ بولىدۇ، پۇتى ئىششىق بولىدۇ، تېرىلىرى قاتلىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىرتقى ئەزالارنىڭ كىچىككىنە زەخىملىنىشى ئاسانلا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن، زەخملەنگەن ئورۇندىن كىرگەن باكتېرىيە بەدەن ئىچىدە ئاسانلا كۆپىيىپ، ھەر خىل تىپتىكى باكتېرىيەلىك ۋە ۋىرۇسلۇق ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ياللۇغلىنىش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ① يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ ياللۇغلىنىشى؛ ② تېرە ياللۇغى؛ ③ سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىشى؛ ④ جىنسىي ئورگانلارنىڭ ياللۇغلىنىشى.

 

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر