سىنىك تۇلۇقلاش كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەتىياز بىلەن ياز ئالمىشدىغان ۋاقىت، باكتېرىيەلەر جالىندىغان ھەم كۆپ زۇكام بۇلدىغان پەسىل. بۇ پەسىلدە بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. يېقىندا <<سىنىك تۇلۇقلاشنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار>> دېگەن تەتقىقات نەتىجىسىدە دېيىلىشچە: <<ئاغرىقلاردا بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن دەسلەپكى 24سائەت ئىچىدە، سىنىك تۇلۇقلاش قىيامىدىن ئىچسە، زۇكام ئالامەتلىرى يېنىكلەپ بىر ھەپتە ئىچىدە ساقىيدىكەن. ئۈزمەي 5ئاي سىنىك ئىچىپ بەرگەن بالىلار ئاسان زۇكام بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن <<يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ژۇرنىلى>>غا سىنىك تۇلۇقلىغاندا، زۇكامنىڭ سوزۇلۇش ۋاقتىنى يەتتە كۈندىن تۆت كۈنگە قىسقارتقىلى بۇلىدۇ. چوڭلارمۇ سىنىك تۇلۇقلاش ئارقىلق ئۆزىنى قوغدىغاننىڭ زىيىنى يوق دەپ باسقاندى. سالام ئۈرۈمچى توربېكىتى |