ئادەتتە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ: بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن: 1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ. 2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ. 3. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ. 4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ. 5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن 6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ. ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن. ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر. 7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق دوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ. 8 . جىنسىي ئالاقە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن. 9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. |