بۇلازىۋىچ يىتەكلىگەن جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىزىق نۇقستىغا ئايلاندى. بىيجىڭ ۋاقتى 16-ئىيۇن.خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تور بېكىتىنىڭ لوندۇن ئولىمپىك يىغىنى مەخسۇس قانىلىدا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ئىككى ئۇيغۇر ماھىر تونۇشتۇرۇلغان ماقالە بىسىلدى،ماقالىنىڭ تىمىسى:<<ئىككى ئۇيغۇر ماھىرنىڭ ئولىمپىك ئارزۇسى>> ماقالىنىڭ ئەسلى تېكىتسى:جۇڭگونىڭ شنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ئىلگىرى پۇتبول ساھەسىدە ناھايتى ئاز تاللاپ چىقىلاتتى،ئۇلار ھەمىشە ئات ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنتەربىيە تالانتىنى نامايان قىلاتتى.ئەمما بۈگۈن ئىككى ياش تالانىتلىق ماھىر ئوتتۇرىغا چىقتى،ئۇلار بارى ممەمەتئىمىن بىلەن مىرەخمەتجان مۇزەپپەر .ئۇلار 2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىپ تۆھپە يارىتىش ئۇچۇن تىرىشۋاتىدۇ.22ياشلىق بارى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك كوماندىسى يىشل شەھەردە ئۆزىنىڭ يەككە ھۇجۇم قىلىش ماھارىتىنى نامايان قىلغان.ئىككى ياش كىچىك بولغان مىرەخمەتجان بولسا ئادەم ناھايتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسنىڭ ھەل قىلغۇچ ئارقا بىكى،ئۇلارنىڭ ئۆز كۇلۇبىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ جەڭگە قاتنىشش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.بۇلازىۋىچ يىتەكلىگەن جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسغا كىرىپ 2012-يىللىق لۇندون ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى تەييارلىق مۇسابىقىسگە قاتنىشش سالاھىيتىگە ئىرىشتى. مىرەخمەتجان قەشقەردىكى پۇتبولچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان،ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغىسى شىنقاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان،2004-يىلى مىرەخمەتجان 10ياش ۋاقتىدا ،شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ مەشىق قىلىش تەكلىۋىگە ئىرىشكەن.بۇ كۇلۇبنىڭ مەشىقى مىرەخمەتجاننى تىزلا ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.ئۇ تىزلا ھەممىگە تونۇلغان چولپان بولۇپ قالغان.2009-يىلى مىرەخمەتجان جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار كوماندسىغا كىرگەن،بىراق ئۇنىڭ ھەقىقى نام چىقارغان ۋاقتى 2010-يىلى ،ئاۋۋال مىرەخمەتجان بىرىنجى قىتىملىق قورامىغا يەتكەنلەر ئىچىدىن دۆلەت كوماندىسغا قاتناشقان شىنجاڭلىق بولۇپ قالغان.بۇ 2010-يىلى 1-ئايلار ئىدى،ئارقىدىن ئۇ خنەن قۇرۇلۇشىچىلىقى ۋە بىيجىڭ گوئەن ئوتتۇرا بىرلەشمە مۇسابىقىسدە ئۆزىنىڭ تالانىتىنى نامايان قىلغان،كىين يىلئاخىرىدا گۇۋاڭجۇ ئاسيا تەنتەربىيسدە ،دۆلەت ئولىمپىك كوماندسىنىڭ قىرغىزستاننى يەڭگەن مۇسابىقىسدە مىرەخمەتجان بىر قىتىملىق ھۇجۇمغا ياردەم قىلغان. مۇزەپپەر 3-ئايدا ئاياكىس كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاخىرى بارالمىدى،ھازىر20ياشلىق ئۇ پۇتۇن دىقىقىتىنى بۇ يەكشەنبە(19-ئىيۇن)ۋە كىلەر پەيشەنبە(23-ئىيۇن) دىكى ئولىمپىك سالاھىيەت مۇسابىقسىدىكى ئومان بىلەن مۇسابىقىغا قاراتماقتا.ئۇ مۇنداق دەيدۇ: غەربى ئاسىيالىقلارنىڭ تېخىنىكىسى ياخشى،ھەرىكىتى تىز، لېكىن بىز تەشكىللىچانلىقىمىز ۋە بەدىنىمىز بىلەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز. تۈيۈقسىز كۆتىرىلىش سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |