نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئەپو قىلىش ئازاپتىن قۇتۇلىشنىڭ ئۇنۇملىك ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى: 01:21 01-07-2011 مەنبە: كروران تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبە : كروران تورى

رەنجىگەن ۋاقتىمىزدا باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش گۈزەل ئەخلاق ھېساپلىنىدۇ . ئەمما ئەپۇ قىلىش ئاسان ئەمەس . سىز باشقىلار تەرىپىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا ، سىز ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىغىڭىزنى ھىس قىلىسىز . ئەگەر سىز ئېرىڭىز بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا ، ھامان ئېرىڭىزنىڭ ئەپۇ سورىشىنى كۈتىسىز . سىزنى رەنجىتكەن بىر خىزمەتچىدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلايسىز . ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، باشقىلارنى ئەپۇ قىلغىدەك ئىش بولسا ئەپۇ قىلىڭ . ئەمما سىزنى رەنجىتكەن بىرىنى كەچۈرىۋېتىشنى ئويلىغىنىڭىزدا بۇ ئىشنى دىمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز . ئىلگىرىكى ئاغرىنىشلارنى كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن . بۇلۇپمۇ بىگۇناھ تۇرۇپ ئەيىپلەشكە ئۇچرىغانلىغىمىزنى ھىس قىلغاندا تېخىمۇ شۇنداق .
ئەپۇ قىلىشنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق . نېرۋا پىسخولوگىيە دوختۇرى مۇنداق دىگەن . ‹‹ ئەپۇ قىلىش ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ، بۇنىڭ باشقا ئادەم بىلەن ئالاقىسى يوق ، ئەپۇ قىلىش سىز قوللانغان مەلۇم بىر خىل ھەركەت بولماستىن ، بەلكى بىر خىل پوزىتسىيە ، شۇنداقلا بىر خىل تۇرمۇش ھالىتى . ئەپۇ قىلىش « بۇنىڭ توغرا ، ئۇنىڭ خاتا » دەپ باشقىلارغا باھا بېرىش ئەمەس ، « پالانى ئادەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ، چوقۇم جازالىنىشى كېرەك » دەپ باشقىلار بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق . ئەپۇ قىلىش بىر خىل ئىچكى مايىللىق ، شۇڭا بەزىدە يۈزەكى ھادىسىلەردىن ھالقىپ ، سىز « ھەقىقەت » دەپ چۈشەنگەن ئىشنىمۇ يېڭىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ ›› .
ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداقكى ، بىز مەلۇم بىر رېئال ئەمەلىيەتكە دۇچ كېلىپ ئۆز ھېسسىياتىمىزنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن ناھايىتى ئەگرى - توقاي يوللارنى بېسىپ ، ئەپۇ قىلىش مەنزىلىگە يېتىمىز . بەختنىڭ مەنزىلىگىمۇ شۇنداق يېتىپ بارىمىز .
بەزىلەر « ئاچچىقىنى چېقىرىۋېلىشنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدۇ ، بولۇپمۇ سىز باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ » دەپ قارايدۇ . ھەتتا بەزى كىشىلەر « ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن كۆڭلى قايتىدىن ئارام تاپىدۇ » دەپ ھىساپلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ . چۇنكى ئاچچىقنى چىقىرىۋېلىش بىلەن مەنىۋىي ھاياتىمىزدىكى بوشلۇقنى ھەرگىز تولدۇرىۋالغىلى بولمايدۇ .
باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش . باشقىلارنى ئەپۇ قىلمايدىغان كىشلەر ھېسسىياتى ئاجىز ، مىجەزى قوپال ، ئىنتايىن شەخسىيەتچى كىشىلەردۇر .


مەنبە :  كروران تورى  http://www.kroran.net/ud/thread-4246-1-1.html

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر