نۆۋەتتە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە مەپتۈن بولۇپ قىلىشى ئاتا – ئانىلارنىڭ بېشىنى ئومۇميۈزلۈك قاتۇرىۋاتقان بىر مەسىلە بوپ قالماقتا. بەزى بالىلار ئۆيگە كېلىپلا سومكىسىنى تاشلاپ، تېلېۋىزورنى ئاچىدۇ __ دە، ئاش – تاماققىمۇ قارىماي كۆرىدۇ. بۇ مەسىلىسىدە ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ زىددىيەت مەۋجۈت. بالىلار تېلېۋىزورنى ئاچسا، ئاتا – ئانىسى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھەتتا تېلېۋىزور كۆرۈشكە دائىر تۈزۈم ئورنىتىلىپ، ھېچكىمنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە روخسەت قىلىنمايدۇ. بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ئاتا – ئانىلار قانداق بىر تەرەپ قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بىز: بالىڭىزنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى ياخشى ئىش ئەمەس، تېلېۋىزورنى كۆرۈۋەرسە، بالىڭىز ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتىدۇ، دىگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىراق بىز بالىلىرىمىزنىڭ ئېكراندىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە ھەيران قالىمىز. ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىسخولوگىيە پروفىسسورى ئالەيشا ئۈچ خانىلىق سانلارنى بىمالال ئوقۇپ بېرەلەيدىغان 5 ياشلىق بىر قىزنى ئۇچىراتقان. ئالەيشا ئۇ قىزدىن: بۇ سانلارنى نەدىن ئۆگەنگەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ قىز: تېلېۋىزوردىن، دەپ جاۋاپ بەرگەن ھەمدە شۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئالەيشا قىزى 6 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا تېلېۋىزوردىكى ئويۇن ئويناش پروگراممىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىشنى مەشىق قىلدۇرغان. ھەر خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ قايسى بىرىنى بالىڭىزنىڭ كۆرۈشىگە روخسەت قىلىشنى قارار قىلىش ھەقىقەتەن ناھايىتى مۈشكۈل. بالىڭىزنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن نەپ ئېلىشىغا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنىڭ بەلكىم پايدىسى تېگىپ قىلىشى مۇمكىن: بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزور كۆرۈش تۈزۈمىنى بېكىتىڭ. مەسىلەن، تاماق ۋاقتىدا، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولماستىن تېلېۋىزور كۆرمەسلىك ياكى تېلېۋىزورنى سائەت قانچىگىچە كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئوخشاش ئاساسىي قائىدە – تۈزۈملەرنى بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە تۈزۈڭ، بۇ تۈزۈملەردىن بوۋاي – مۇمايلارنى ياكى ئائىلە خىزمەتچىسىنىمۇ خەۋەردار قىلىڭ، بۇنداق قىلىش بالىڭىزدا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بەلگىلەنگەن پروگراممىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، تېلېۋىزورنى چوقۇم ئۆچۈرۈڭ، بالىڭىزنىڭ ئۆز مەيلىچە قانال ئاقتۇرۇشىغا يول قويماڭ. تېلېۋىزورنى بالىڭىز بىلەن بىللە كۆرۈڭ ھەمدە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى مۇلاھىزە قىلىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزمۇ تېلېۋىزور كۆرگەندە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بۇلىدۇ. تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى توغرا تاللاپ، بالىڭىزنىڭ چىنلىق بىلەن ساختىلىق، رەھىمدىللىك بىلەن رەھىمسىزلىك، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلسىڭىز، ئۇنىڭدا ھەق- ناھەق كۆز قارىشىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ. بالىڭىزنىڭ بەزى زوراۋانلىق، شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىڭ، ئەگەر مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئۇدۇل كېلىپ قالسا، بالىڭىزنى ئالدىراپ كۆزىنى يۇمۇشقا بۇيرۇماڭ ياكى دەرھال قانالنى يۆتكىمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز كۈتكىنىڭىزنىڭ ئەكسىچە بالىڭىزدا قىزىقىش پەيدا بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن. سىز بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى بىر خىل سەلبى ماتېرىيال دەپ قاراپ بالىڭىزغا بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ. ئەگەر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى بالىغا ناچار تەسىر بېرىدۇ دەپ قارىسىڭىز، بالىڭىزغا بەزى مۇنەۋۋەر VSD، DVD پلاستىنكىلىرىنى قويۇپ بېرىڭ. بۇنىڭ بالىڭىزنى تەربىيىلەشتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. |