نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئىنساننىڭ پەيدا بولۇش ۋە تۇغۇلۇش جەرىيانى

يوللانغان ۋاقتى: 15:56 13-08-2011 مەنبە: پەزىلەت بىلوگى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھ بىزنى ياراتقۇچى بىر ئاللاھ بار، بىز ئۆزىمىز خالاپ ئەر بۇلۇپ تۇغۇلمەن، ياكى ئايال تۇغۇلمەن، ياكى ق

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھ 

 بىزنى ياراتقۇچى بىر ئاللاھ  بار، بىز ئۆزىمىز خالاپ ئەر بۇلۇپ تۇغۇلمەن، ياكى ئايال تۇغۇلمەن، ياكى قارا تەنلىك تۇغۇلمەن، ياكى ئاق تەنلىك تۇغۇلمەن، ۋە ياكى ئامرىكىلىق بۇلۇپ تۇغۇلمەن ياكى ئەرەپ بۇلۇپ تۇغۇلاي ياكى ئۇيغۇر بولۇپ... ۋە ياكى چىرايلىق تۇغۇلىمەن، ياكى سەت تۇغىلىمەن دىيەلمەيمىز. ھەتتا بىزنىڭ دۇنياغا كىلىشىمىزگە سەۋەپچى بولغان ئاتا – ئانىلىرىمىزمۇ چوقۇم مەن ئوغۇل تۇغىمەن، قىز تۇغىمەن، ياكى قوش كىزەك تۇغىمەن، ياكى چىرايلىق تۇغىمەن ياكى سەت تۇغىمەن دىيەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بىزنى بىر ياراتقچۇ، لاھىلىگۈچى، بەرپا قىلغۇچى، دۇنياغا كەلتۈرگۈچى ۋە ھىساپ ئالغۇچى بار.

 

ئۇنداق بولسا تۈۋندىكى ئايەتلەر بىلەن سۈرەتلىك فىلىمنى  كۈرۈپ چىقايلى . 

ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر،ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.  
___ سۈرە ئالئىمران 6- ئايەت 

 

ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى ،سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا،ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارالاشتۇردى،چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. 
_____سۈرە ئەنئام 98- ئايەت  

 

ھەربىر (ھامىلدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ- قىزمۇ، بىرمۇ- كۆپمۇ، چوڭمۇ- كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ- سەتمۇ، بەختلىكمۇ- بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ- قىسقىمۇ ھەممىسنى ئاللاھ  بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىك ياكى يوغناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلدىغانلىقىنى) (ئاللاھ )بىلىدۇ. ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر.
_____سۈرە رەئىد 8- ئايەتى

 

ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا- ئاستا كۈچ- قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرىلىسىلەر، ( ئاللاھ  تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپىشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ.
 ____ سۈرە ھەج 5- ئايەت  

 

ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان)دا (جايلاشقان) ئابىمەنى قىلدۇق.  
____ سۈرە مۇئمىنۇن 13- ئايەت

 

قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ)ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى- يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر.
_____سۈرە لوقمان 34- ئايەت   

 

ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققى قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنى، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھ غا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر.
_____سۈرە زۈمەر 13- ئايەتى

 

سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ.   
_____سۈرە ۋاقىئە 58- ئايەت   

 

ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنى) ئەمەسمىدى؟   
_____ سۈرە قىيامەت 37- ئايەت 

 

ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان)دا قىلدۇق.  
____سۈرە مۇرسەلات 21- ئايەت  

 

بالىنىڭ تۆرىلىش جەرىيانى



 مەنبە: پەزىلەت بىلوگى

ياخشىكەن
(11)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر