نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بەش ۋاق نامازنىڭ سەۋەبى ۋە ساۋابى

يوللانغان ۋاقتى: 22:00 07-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەلى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بىلەن ئولتۇراتتى . بىر گو

ئەلى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بىلەن ئولتۇراتتى . بىر گوروھ يەھۇدىلەر كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەھھىسالامدىن مۇنداق دەپ سوراشتى : ئى مۇھەممەت بىز سەندىن،ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسالامغا نىسىپ قىلغان،ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق بىر مۇرسەل پەيغەمبەرگە ياكى مۇقەررەپ پەرىشتىگە بەرمىگەن ئىشلار توغرىلەق سورايمىز :
-ئى مۇھەممەت! ئاللاھ سېنىڭ ئۈممۈتىڭگە پەرىز قىلغان 5ۋاق ناماز توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن؟
پەيغەمبەر ئەلىھسسالام مۇنداق دىدى؛-كۈن ئەمدى چىقىشقا باشلىغاندا شەيتاننىڭ ئىكىكى مۈڭگۈزىنىڭ ئارلىغىدىن چىقىدۇ، بۇ چاغدا بارلىق دىنسىزلار ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ،(بىز بولساق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاڭ ئەمدىلا يورىۋاتقاندا) بامدات نامازنى ئوقۇيمىز .
كۈن چۈشلۈك تىكلىنىشتىن قىسايغاندا بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارىمىزغا تەسبىھ ئەيتىدۇ ،بىز بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇيمىز.
ئەسىر ۋاقىتى ئادەم ئەلەيھىسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىگەن ۋاقىتتۇر،(بىز شۇنىڭدىن ئىبرەت
ئېلىش ئۈچۈن ئەسىر ئۇقۇيمىز.) -
شام ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسالام خاتالىغىغا تۆۋەقىلغان ۋاقىتتۇر.
خۇپتەن ۋاقتى بارلىق مۇرسەل پەيغەمبەرلەر ئوقۇغان نامازدۇر .
يەھۇدىلار راست ئېيتتىڭ دىيىشىپ ،ئۇبەش ۋاق نامازنىڭ ساۋابى توغرىلىق سوراشتى :
-پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى :كىمىكى 40كۈن جامائەت بىلەن بامدات نامازنى ئوقۇسا ،ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاقتىن، نىفاقتىن قۇتۇلۇش يولى بىرىدۇ.
پىشىن ۋاقتىدا دوزاق شىددەت بىلەن يالقۇنجايدۇ، بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇغان كىشىگە ئالاھ تائالا دوزاخ ئازابىنى ھارام قىلىدۇ.-
ئەسىر ۋاقتى ،ئادەم ئەلەيھسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن يىگەن ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان بەندە گۇناھتىن قۇتۇلۇپ، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك مەسۇم ھالەتكە چىقىدۇ.
شام ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋىسىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىت، ھەر قانداق بىر كىشى بۇ نامازنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن ئوقۇغاندىن كىيىن ئاللاھ تائالادىن مەقسىدىنى تىلىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تىلىكىنى بىرىدۇ.
خۇپتەن نامىزى (كىچە قاراڭغۇلۇقنىڭ رەسمى باشلانغان ۋاقتى بۇلۇپ،)ھەر قانداق بىر كىشى كىچە قاراڭغۇلۇقتا خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن يول ماڭسا ئاللاھ تائاللا ئۇ كىشىگە دوزاخنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ھارام قىلىدۇ،پىلسىرات(كۆۋرىكىدىن)ئۆتكۈزدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ.


 

ياخشىكەن
(25)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر