جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئاۋغۇست خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئىراننىڭ شەربىي شىمالىدىكى تەبرىز رايونىدا 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىككى قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 250 ئادەم قازا قىلغان، 2000 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ تەبىئىي ئاپەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خەلىل سائىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار دوكلات قىلىنغان. ئىران تېھران ئۇنۋېرسىتىتى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 16:53 ئۆتكەندە، شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى تەبرىز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھار (Ahar) شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 3.49 گىرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 46.87 گىرادوس بولغان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى پەقەت 10 كىلومېتىر بولۇپ، تېيىز مەنبەلىك يەر تەۋرەشكە كىرىدىكەن.
11 مىنۇتتىن كېيىن، يەر تەۋرەش مەركىزىگە تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋارزاقان (Varzaqan) ۋە ھارىس (Haris) رايونىدا 6 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ قېتىمقى ئەڭ كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرەش بولۇپ، ئاساسلىق تەۋرەشتىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 40 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. ئىران ئەمەلدارى دېيىشىچە، 6 كەنت يەر تەۋرەشتە تۈزلىنىپ كەتكەن، تەخمىنەن 60 كەنتنىڭ %50 تىن يۇقىرى قۇرۇلىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئىران مېھىر ئاگېنتلىقى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى مەھمۇد مۇزەفەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ھۆكۈمەت يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى تەخمىنەن 16 مىڭ ئاممىغا پاناھ جاي تەمىنلىگەن. ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئىران سەھىيە مىنىستىرى مارزىھ ۋاھىد داستېجەردى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 48 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ھەمدە 500 خالتا قان خالتىسىنى ئاپەت ئەڭ ئېغىر رايونغا ياردەمگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 48 سائەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ قالدۇق يەر تەۋرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان، ئاممىنى داۋاملىق سىرتتا قونۇشقا دەۋەت قىلغان. (نەپرەت)
|