ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان داڭلىق بىر جۈپ چولپانلار

يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-09 01:29 مەنبەسى: qq.com ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
بيونسى ئەر-ئايال تېڭشۈن تاماشا تورى بېيجىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى، ئامېرىكا فوربېس ژۇرنىلى ئۆتكەن بىر يىلدىكى چولپان ئەر-خوتۇنلارنىڭ
  

\
بيونسى ئەر-ئايال
 

تېڭشۈن تاماشا تورى بېيجىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى، ئامېرىكا فوربېس ژۇرنىلى ئۆتكەن بىر يىلدىكى چولپان ئەر-خوتۇنلارنىڭ يىللىق كىرىم تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2011-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە ستاتىستىكا قىلىنغان بۇ تىزىملىكتە، ياۋرۇ-ئامېرىكىنىڭ مودا ئېقىم خانىشى بيونسى كنوۋلېس بىلەن يولدىشى جايزى78مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى بىلەن دۇنيادىكى يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئەر-خوتۇن چولپان بولۇپ قالغان. پۇتبول چولپىنى داۋىد بېكخام ئەر-ئايال ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. براد پېت، ئانجىلىنا جۇلى ئەر-ئايال تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2010-يىلى 5-ئايدىن 2011-يىلى 5-ئايغىچە بولغان بىر يىل جەريانىدىكى چولپان ئەر-خوتۇنلارنىڭ يىللىق كىرىم تىزىملىكىدە، بيونسى ئەر-ئايال ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىدى. بۇ يىل بولسا 78مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. فوربېس ژۇرنىلىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، بيونسىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدىكى كىرىمى 40مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، يولدىشىدىن 2مىليوننى كۆپ كىرىم قىلغان. ئەگەر ئۇ قىزى بىلۇلىۋينى تۇغۇپ زېھنى چېچىلىپ كەتمىگەن بولسا بەلكى يولدىشىدىنمۇ كۆپ كىرىم قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
 

\

ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى دۇنياغا داڭلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل گىسېلې بادچېن بىلەن ئۇنىڭ زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچى يولدىشى توم براد بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ بىر يىللىق كىرىمى 72مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
 

\

ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان ئەنگلىيە پۇتبول چولپىنى داۋېد بېكخام بىلەن ۋېكتورىيە بېكخامنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 54مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
 

\

ھوللىۋود چولپىنى براد پېت بىلەن ئانجىلىنا جۇلى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى يىللىق كىرىمى 45 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
 

\

ھوللىۋود چولپىنى ۋېل شىمىس بىلەن ئايالى جادا پىنكېت شىمىس بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى 40مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>