ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قەتىف ئۆلكىسىدە توپىلاڭ يۈز بەردى

يوللانغان ۋاقتى: 13:32 07-08-2012 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم نېفىت بازىسى قەتىف ئۆلكىسىدە 14

 

1.jpg

 

سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم نېفىت بازىسى قەتىف ئۆلكىسىدە 14-ئىيۇل ئېغىر توپىلاڭ يۈز بەرگەن: زور ساندىكى ئامما نامايىش قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئىمامنى قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يەرلىك بىر ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ساقچىلار بىر ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئېتىپ تاشلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قەتىفكە قوشۇن كۆپەيتكەن.

توردا ئېلان قىلىنغان سىنغا ئاساسلانغاندا، زور ساندىكى ياشلار كوچىلاردا بالۇنلارنى كۆيدۈرۈپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى نامايىشنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى ئېتراز بىلدۈرگەندە ئىككى نامايىشچى قازا قىلغان. نامايىشنىڭ سەۋەبى يەرلىك دائىرىلەر شىئە مەزھىپىدىكى بىر ئىمامنى قولغا ئالغان.

2.jpg

 

قەتىف ئۆلكىسى شىئە مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، 2011-يىلى سۈننىي مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆپ قېتىم نامايىش بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەرلىك ساقچى ئىدارىسى قورال ھەمدە كۆيدۈرگۈچ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ساقچىلار قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان، باشقا ئۈچ ئادەم قېچىپ كەتكەن. ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپلەپ ساقچى ماشىنىسى ياردەمگە كەلگەن. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە باشقا بىر ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، موتسىكىلىت مىنىۋالغان قوراللىقلار ئىككى ساقچى ماشىنىسىغا ئوق چىقارغان، 4 ساقچى يارىدار بولغان.

 

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر