جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى تەيۋەن «بىرلەشمە خەۋەر تورى»نىڭ 1-چىسلادىكى خەۋىرى: ئەگەر ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ياش ھېچقانچە مەسىلە بولالمايدۇ. بىر قېتىملىق ياردەم قىلىش ئېلىپ كەلگەن نىكاھ، فىلىپپىنلىق سەكسەن ياشتىن ئاشقان بوۋاي 21ياشلىق قىزنى ئەمرىگە ئالدى.
21ياشلىق جەننىفېر جامائەت گۇۋاھلىقى مۇراسىمىدا يېشى ئۆزىدىن تۆت ھەسسە دېگۈدەك چوڭلۇقتىكى ئوغۇل دوستى بابولوغا ياتلىق بولغان. تېلىۋىزوردىكى كۆرۈنۈشتە، بابولو جەنىفېرنىڭ قولىغا ئۈزۈك سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىككىيلەن سۆيۈشكەندىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى زالىدا قاتتىق ئالقىش ساداسى ھەم تەبرىك سۆزلىرى ياڭرىدى.
خەۋەر قىلىشىچە، جېننىفېر 19يېشىدا بابولو بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سېستىرالار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان بۇ قىزنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغانلىقتىن، يېنىدا پەقەتلا پۇل قالماي، سەرسان بولۇپ يۈرگەندە، بابولو ئىسىملىك بوۋاي ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ خىزمەت تېپىپ بەرگەن، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن جەننىفېر بىلەن بوۋاي ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت يالقۇنى چاقناپ، مۇھەببەتلىشىپ قالغان.
جېننىفېر، بابولونىڭ ئۆزىگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت پەيدا بولغانلىقى، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بابولونىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى، لېكىن بابولونىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىق ھەم قارشى تۇرۇشى بىلەن كارى بولماستىن ئۇنى ئەمرىگە ئالغانلىقىنى ئېيىتقان.
بۇ توي مۇراسىمى ناھايىتى ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، لېكىن جەننىفېر بىلەن بابولوغا نىسبەتەن مۇھىمى ئىككىسىنىڭ بۇ نىكاھ بوسۇغىغا قەدەم قويۇشى بولغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ دەۋر ئاتلىغان چىن-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.