ئافغانىستان ساقچىلىرى بەش قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
يوللانغان ۋاقتى: 00:13 03-08-2012 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنخۇا تورى كابۇل 2-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى ئافغانىستان ساقچى دائىرلىرى 2-ئاۋغۇست سەھەردە كابۇل شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بىر قورودا ئاز دېگە
شىنخۇا تورى كابۇل 2-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى ئافغانىستان ساقچى دائىرلىرى 2-ئاۋغۇست سەھەردە كابۇل شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بىر قورودا ئاز دېگەندىمۇ بەش نەپەر بومبا تېڭىلغان ئاسما مايكا كېيىپ قوراللانغان ئۇنسۇرلارنى ئېتىۋەتتى.
بىر نەپەر ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچى دائىرلىرى خەۋەرچىسىنىڭ مۇخبىرلارغا دەپ بېرىشىچە، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلار كابۇلدىكى بەزى ئورۇنلارنى نىشانلاپ ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۈيقەستى ئىشقا ئاشمىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:ھازىر ئاز دېگەندىمۇ ئىككى نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر بىر بىنادا ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ئېتىشماقتا.
ئافغانىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدا دېيىلگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار كابۇلدىكى بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
بۇ يىل 21-ئىيۇن، بەش نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى كابۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر مېھمانسارايغا بۆسۈپ كىرىپ، مېھمانسارايدىكى نۇرغۇن پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلدى. ئافغانىستان ساقچى دائىرلىرى ئارقىدىن قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن قاتتىق ئېتىشىتى، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 23ئادەم قازا قىلدى.
يېقىندە، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى تارتىشقا باشلىدى. 3-مايدىن باشلاپ، ئافغانىستان تالىبانلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، كۆپ قېتىم شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسمى، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، كۆپلەپ ئۆلۈم-يىتىم سادىر قىلدى.
|
------分隔线----------------------------