نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

سومالىدا 30 مىڭ كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

يوللانغان ۋاقتى: 06:22 15-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى 12 مىليون كىشىگە تەھدىت سالغان ئافرىقىدا، سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سومالى يارد

  

ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى 12 مىليون كىشىگە تەھدىت سالغان ئافرىقىدا، سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سومالى ياردەم كۈتمەكتە. سومالىدا ھەر كۈنى بەش ياشتىن تۆۋەن 13 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 1 مىليارد دوللارغا ئېھتىياج بارلىقى پەرەز قىلىندى.

مىڭلارچە سومالىلىق كېنىيەدىكى «دادائاب» مۇساپىرلار لاگېرىدا پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ، سومالىدا نۇرغۇنلىغان ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. يېقىنقى ئۈچ ئايدا بەش ياشتىن تۆۋەن 30 مىڭ كىچىك بالا ئاچارچىلىق ۋە سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالىدىكى قەھەتچىلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىنغا سومالىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى ئاۋگۇستىنې ماھىگا ۋىدېيو ئارقىلىق قاتناشتى. ئۇ، سومالى، كېنىيە ۋە ئېفىيوپىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان مىلىتانلار بىلەن بولغان كۈرەشنىڭمۇ ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن لاگېرلارغا بېرىشقا تىرىشقان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش تەھدىتى ئاستىدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت قوللاۋاتقان ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى قوماندانى ناسان مۇگىشا، بىخەتەرلىكنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 15 مىڭ ئەسكەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 1 مىليارد دوللار كېرەكلىكىنى، بۈگۈنگىچە بۇ مىقدارنىڭ يېرىمى توپلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياخشىكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>