شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ۋاشىنگىتون،28-ئاۋغۇست تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان بىر ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى:ئامېرىكا ئارمىيەسى 22-ئاۋغۇست پاكىستان تەۋەلىكىدە<بازا> تەشكىلاتىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئادىمى راھماننى ئېتىۋەتتى،بىز ئۇنىڭ ئۆلگىنىگە بۇ قېتىم قەتئىي ئىشىنىمىز. لىۋىيەلىك راھمان <بازا>تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،<بازا>تەشكىلاتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىبېشىغا ئايلىنىپ،بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغانىدى. |