جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سابىق لېدىرى كائېن تۈنۈگۈن ئايالى بىلەن بىللە نىيۇيوركتا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەگە قايتتى.
كائېن بۇ يىل 14-مايدا نىيۇيوركتىكى بىر مېھمانخانىدا ئايال مۇلازىمەتچى دىئاروغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغان دەپ قولغا ئېلىنىپ باسقۇچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان قاتارلىق يەتتە تۈر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. نىيۇيوركتىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ئايدا ئۇنىڭغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەرنى بىكار قىلغان بولسىمۇ لېكىن دىئارو ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە ئەرز سۇنغان.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |