ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئىيۇلدا، تومۇز ئىسسىق جەنۇبىي، شىمالىي يېرىم شارنى قىينىدى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-01 16:57 مەنبەسى: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
RecordJapan تورىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇما
  


 

RecordJapan  تورىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە، 23-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە بولغان بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ياپونىيەدە جەمئىي 8686 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە(16-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە)دىكىدىن 1.5 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، ئىسسىق ئۆتۈشتىن قازا قىلغان ئادەملەرنىڭ سانى ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا ئۈچ ئادەم ئاشقان بولۇپ، بۇ ھەپتىدە جەمئىي 16 ئادەم قازا قىلغان.
   بۇنىڭ ئىچىدە ئايچى ناھىيەسىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 668گە يەتكەن، ئۇنىڭدىن قالسا توكيودا 646 ئادەمگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان.
   مېتېئورولوگىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 23-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە، بۇ نازارەت مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلغان 927 كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ 615ىدە كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 30 سېلىتسىيە گىرادۇستىن ئاشقان بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا كۆرۈلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتىنىڭ بۇ يىل 28-مايدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 24 مىڭ 100 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن، دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان، 39 ئادەم قازا قىلغان.


6-ئىيۇل، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندا، بىر ئايال بالىسى بىلەن فونتاننىڭ يېنىدا سۇ ئوينىماقتا. نەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە

تومۇز ئىسسىق بولغان


 

17-ئىيۇل، تورۇنتۇدا بىر ئوغۇل سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىماقتا. بۇ كۈنى،  كانادا تورۇنتۇدا تېمپىراتۇرا 37 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چىققان، شۇنداقلا ئۇدا يەتتە كۈن ئەڭ يۇقىرى

تېمپىراتۇرا 30 سېلىتسىيە گىرادۇستىن ئاشقان



 

19-ئىيۇل، ئامېرىكا لوس ئانژېلېستا كىشىلەر دېڭىز ساھىلىدا پىژغىرىم ئىسسىقنى ئۆتكۈزمەكتە. بۇ كۈنى، لوس ئانژېلېستا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 33.3 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چىققان.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>