رەسىمدە نامايىش قىلغۇچى ئايال ئەسكىرىي ساقچىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ ،ھىجابى سالدۇرۋىتىلگەن كۆرۈنۈشى
ساقچى نامايىشچى ئايالنىڭ قورسىقىغا تەپمەكچى
شۇيەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ17-كۈنى، مىسىر ساقچىلىرى ئازادلىق خەلق مەيدانىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نامايىش قىلغۇچى ئايالنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ھىجاپىنى سالدۇرماقچى بولدى، ھەم قورسىقىغا تەپتى، بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.شۇيەر ۋاقتى12-ئاينىڭ18-كۈنى، مىسىر قاھىرەدە ئازاتلىق خەلق مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم ئەسكىرىي ساقچىلاربىلەن خەلق ئوتتۇرسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەردى، 3كۈنلۈك تىركىشىش 10ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 441ئادەم يارلاندى، بۇ مىسىر سايلام ئۆتكۈزۈپ ئاخرلاشقاندىن كېيىنكى، قاھىرە ساقچىلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 3-كۈنىدىكى ئېغىر توقۇنۇش، بىر ھەربىي كىيمى كىيۋالغان ئەرنىڭ بىر ئايالنى خورلىغان رەسىمى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەت تۆرىدىن ئورۇن ئالدى، خەلق رەسىمگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شۇ يەر ۋاقتى12-ئاينىڭ18-كۈنى، مىسىر قاھىرەنىڭ ئازاتلىق خەلق مەيدانىدا كىشلەر نامايىش قىلغۇچى ئايالنىڭ خورلانغان رەسىمى بېسىلغان گېزىتنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى.
مىسىر ساقچى تەرەپ نامايىشچىلارنى قوغلاپ ئۇرماقتا

سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى