شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-دېكابىر پىيۇڭياڭدىن بەرگەن خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لى، جاۋجەن)
چاۋشىيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 17-دېكابىر چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىل ۋاپات بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 17-دېكابىر سائەت 8:30 بولغاندا، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولۇۋاتقان جىن جېڭرى زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن پويىزدا كېتىۋېتىپ قازا قىلغان.
چاۋشىيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:« چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتى، چاۋشىيەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتى، ئەڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، ئىچكى كابېت «پۈتكۈل كومپاتىيە ئەزالىرى، خەلق ئارمىيىسى ئوفېتسىر ئەسكەرلىرى ۋە خەلققە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى، خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى ۋە خەلقتىن ھۆرمەتلىك، يولداش كىم جوڭئىلنىڭ رەھبەرلىكىگە سادىق بولۇپ، پارتىيە، خەلق ئارمىيىسى ۋە خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كىم جوڭئىلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
كىم جوڭئىل (kim jong il) 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو-چاۋشىيەن چېگرىسىدىكى بەيتۇشەن مەخپىي لاگېرىدا تۇغۇلغان، 1950-يىلى 9-ئايدىن 1960-يىلىغىچە، پيۇڭياڭدىكى قىزىل بايراق ۋەنجىڭتەي ئىنقىلابى ئىنىستۇتىدا ۋە پيۇڭياڭ نەنشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1964-يىلى كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
1964-يىلى 6-ئايدىن 1972-يىلى 2-ئايغىچە، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، باشقارما باشلىقى، چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتىنىڭ شۇجىسى، چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى سىياسىي كومېتىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ، چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى سىياسىي ئورگىنىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شۇجىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1982-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، چاۋشىيەن ئەڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1990-يىلى 12-ئايدىن 1993-يىلى 4-ئايغىچە، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، چاۋشىيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى ۋە كومېتىت باشلىقى بولغان. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 9-ئايغىچە، يەنە بىر قېتىم دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 2009-يىلى 3-ئايدا، جىن جېڭرى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 4-ئايدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 2010-يىلى 9-ئايدا، چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر يىغىنى ئۇنى چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسەتكەن.
كىم جوڭئىل 1975-يىلى ۋە 1982-يىلى ئىككى قېتىم «جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن. 1992-يىلى ئۇ چاۋشىيەن خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشاللىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە ئىلگىرى جەمئىي بولۇپ، ئۈچ قېتىم كىم ئېرسىن ئوردېنى ۋە كىم ئېرسىن مۇكاپاتى قاتارلىق ئوردېن، مۇكاپات ۋە شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.
1983-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. شۇنداقلا 2000-يىلى 5-ئايدا، 2001-يىلى 1-ئايدا، 2004-يىلى 4-ئايدا، 2006-يىلى 1-ئايدا، 2010-يىلى 5-ئايدا، 2010-يىلى 8-ئايدا ۋە 2011-يىلى 5-ئايدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغان. 2011-يىلى –ئايدا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا زىيارەتتە بولغان.