ھىندىستاننىڭ كالتۇتا شەھىرىدە 102 ئادەم ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى،
ئىگىلىنىشىچە، ھاراققا مېتانول ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن زەھەرلەنگەن نەچچە ئون كىشى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن.
ھىندىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان كالكۇتادا، بازار باھاسىدىن ئۈچ ھەسسە ئەرزان بولغان ھاراقنى ئىچكەن كىشىلەر ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي دوختۇرخانىلارغا كەلگەن.
100دىن ئارتۇق بىمار ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. دوختۇرخانىلاردا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ يېتىۋاتقلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.
ساقچىلار، تۆت كىشىنى ۋەقەگە چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئالدى.
بۇ خەۋەر دەرھال تارقالغاندىن كىيىن، قانۇنسىز ھاراق ساتىدىغانلار دەرھال دۇكانلىرى تاقىۋەتكەن.
ھىندىستاندا قانۇنسىز ھاراق سەۋەبىدىن ھەر يىلى قانچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.