كىم جوڭئۇن دۈشمەنلىرىنى خام خىيالدا بولماسلىققا ئاگاھلاندۇر
يوللانغان ۋاقتى: 00:17 03-08-2012 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
كىم جوڭئۇن دۈشمەنلىرىنى خام خىيالدا بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سېئۇل، 1-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى] چاۋشيەن بۈگۈن كورېيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ كىم جوڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرقانداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار. چاۋشيەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: سىياسەت ئۆزگەرتىشنى مۇھاكىمە قىلىش ئەخمىقانە ۋە كۈلكىلىك خام خىيال.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا چاۋشيەن ھاكىمىيىتى خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى لى يىڭخاۋنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، نامى چىقمىغان بىر گېنېرالنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويدى، يەنە كىم جوڭئۇنغا چاۋشيەن مارشالى دېگەن نامنى بەردى. بۇنىڭ بىلەن، چاۋشيەننىڭ يېقىندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك پەرەزلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
چاۋشيەن ئۆتكەن ھەپتە يەنە ياش رەھبەر كىم جوڭئۇننىڭ توي قىلغانلىق خەۋىرىنى جاكارلىدى. كىم جوڭئۇننىڭ بۇ ھەرىكىتى سابىق رەھبەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى سىر ساقلىشىغا روشەن ئوخشىمايدۇ.
سېئۇلنىڭ ئوبروزچىلىرى: چاۋشيەن بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئارقىلىق شىۋېيتسارىيەدە تەلىم ئالغان كىم جوڭئۇننىڭ سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكچى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
لېكىن، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ چېگرا ئىشلىرىغا مەسئۇل باياناتچىسى بۈگۈن چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئارزۇ بىمەنىلىك ۋە نادانلىقتۇر.
بۇ باياناتچى: «قورچاق گۇرۇھى (كورېيە) چاۋشيەننىڭ ھازىرقى رەھبىرى بىلەن ئىلگىرىكى رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ چەكتىن ئاشقان نادانلىق»، دېدى.
ئۇ: «چاۋشيەننىڭ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىشى ئەخمىقانە خىيال، بۇ قۇياشنىڭ غەربتىن كۆتۈرۈلۈشىنى ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش» دېدى.
بۇ باياناتچى سېئۇلنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى تەرغىب قىلىشى كاپىتالىزمنى چاۋشيەنگە تاڭغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى، ئۇ: چاۋشيەننىڭ سىياسەتلىرى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى.
كىم جوڭئۇننىڭ ئاتىسىنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈۋالغىنى−نەچچە ئون يىللىق باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان ئىقتىساد، شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ ئاشلىق ياردىمىگە تايىنىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقان پۇقرالار.
غەرب دۆلەتلىرىدە تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر كىم جوڭئۇن چاۋشيەندە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش تەسەۋۋۇرىنى ئاتىسىدىن ئوڭايراق قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.
لېكىن، خەلقئارا كىرىزىس تەتقىقات تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە مۇنداق دېدى: كىم جوڭئۇننىڭ تەدبىر قوللىنىپ نامرات چاۋشيەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق.
|
------分隔线----------------------------