ماندي رامسېي (ماتېرىيال سۈرەت)
ئاۋسترالىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋىرى گېزىتى» نىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فلورىدا شتاتىدا بىر نەپەر يىرىم يالىڭاچ ئايال ھەددىدىن ئارتۇق تېزلىك بىلەن ماشىنا ھەيدىگەن، ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي ، ئەكسىچە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ساقچى ماشىنىسى بىلەن بىر مەيدان شىددەتلىك قوغلاش جېڭى قىلغان.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ماندي رامسېي (Mandy Ramsey) بولۇپ ، بۇ يىل 35 ياش. 4-ئاۋغۇست، فلورىدا شتاتىنىڭ مارىئون (Marion County) ناھىيىسىدىكى ساقچىلارنىڭ چارلاش ماشىنىسى رامسېينىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تېزلىك بىلەن ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ماشىنىنى توختىتىپ جازالىنىشنى تەلەپ قىلغان . بىراق رامسېي ماشىنىنى توختاتماي ئەكسىچە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ھەم نەچچە قېتىم تۇيۇقسىز لىنىيە ئۆزگەرتىپ ساقچىلاردىن قۇتۇلماقچى بولغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا نەچچە دانە ساقچى ماشىنىسىمۇ رامسېينى قوغلاپ تۇتۇشقا قاتناشقان، لېكىن ئۇنى تۇتالمىغان . ئەڭ ئاخىرىدا ساقچى تەرەپ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ياردىمىدە رامسېينىڭ ماشىنا توختىتىدىغان جايىنى توسۇپ ، ئۇنى قولغا ئالغان.
رامسېي ساقچى تەرەپكە ئېتىراپ قىلىشىچە، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئارتۇق تېزلىك بىلەن ماشىنا ھەيدىگەچكە، شۇڭا ماشىنىنى توختىتىشنى خالىمىغان، يەنە بىر سەۋەبى بولسا بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمى يالىڭاچ بولغاچقا ماشىنىنى توختاتمىغان ئىكەن. رامسېي قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى كۈن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن سوراق قىلىنىدۇ.