مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1088 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىر ئادەمنىڭ بۇرنىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بۇرنى ناھايىتى قاتتىق بولسا بۇ ئادەم قان تومۇرى قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن ئېشىپ كەتكەن، يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدىكەن.

ئەگەر بۇرنىدا ئىششىق ئالامەتلىرى بايقالسا تال ۋە بۆرىكىدە مەسىلە بار، دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدا ئىششىق پەيدا بولسا بۇ، شۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىششىغانلىقى ياكى چوڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇرۇندىكى قىزىللىق يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇرۇندا جىگەررەڭ ياكى زەڭگەر، قارا رەڭلەر پەيدا بولسا يۈرەك ۋە تالدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇرنىڭىزدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشىڭىز لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.