مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1329 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ياپونىيەدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى لاكتىك كىسلاتا زەمبۇرۇغى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، گۈل چېڭى كېسىلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئاللېرگىيەلىك بۇرۇن يەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيتىشكە پايدىسى بار ئىكەن. قېتىق ئىچكەننىڭ مۇشۇ جەھەتتە ئۈنۈمى بولىدىكەن.

    بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر گۈل چېڭى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 89 ئاللېرگىيەلىك بۇرۇن يەللىكى ئاغرىقىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 44 كىشىگە ھەر كۈنى تەركىبىدە 50 مىللىگىرام بەلگىلىك لاكتىك كىسلاتا زەمبۇرۇغى بولغان يېمەكلىكنى(100گىرام قېتىققا باراۋەر) ئىستېمال قىلدۇرغان. قالغان 45 كىشىگە، تەركىبىدە لاكتىك كىسلاتا زەمبۇرۇغى بولمىغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلدۇرغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بەلگىلىك لاكتىك كىسلاتا زەمبۇرۇغى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلارغا يېرىم يىل ئىچىدە، چۈشكۈرۈش، پوتلىسى ئېقىش، بۇرنى پۈتۈپ قېلىش رىتىمى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئايرىم – ئايرىم خاتىرىلەپ مېڭىشنى تاپشۇرغان ھەم ئۇلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە، گۈل چېڭى تارقىلىدىغان مەزگىلدە لاكتىك كىسلاتا زەمبۇرۇغى ئىستېمال قىلمىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ پوتلىسى ئېقىش ۋە بۇرنى پۈتۈپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەردە، ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ئەمما، تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى مۇدىر تەتقىقاتچى ئوكاموتو مۇنداق دەيدۇ:‹‹قېتىق ئىچىملىك بولغاچقا، ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىچكەندە ئاندىن روشەن ئۈنۈمى بولىدۇ››.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.