مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 627 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئىككىلەمچى پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى تۇغۇلۇشتا ساق تۇغۇلۇپ، كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ پۇراش سېزىمى ئاجىزلاشقانلىقى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىغا قارىتىلغان.


سەۋەبى:

1. بۇرۇن ئىچىگە بەزسىمان ئارتۇقچە گۆش ئۆسۈپ، يەنى ھەرخىل چوڭلۇقتىكى بۇرۇن بوۋاسىرى پەيدا بولۇپ، پۇراش سېزىمىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


2. بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە پەيدا بولۇپ، نەپەس يولىنى توسۇۋېلىپ، پۇراش سېزىمىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


3. شىلىمشىق ۋە قويۇق خىلىتلار بۇرۇن يۇقىرىسىدىكى غەلۋىرسىمان سۈزگۈچ سۆڭەكنىڭ تۆشۈكلىرىگە چاپلىشىپ قالسا، ھاۋانىڭ ئۆتۈشىگە دەخلى قىلىدۇ. بۇ سۆڭەك قاڭشارغا جايلاشقان بىرخىل شالاڭ سۆڭەك بولۇپ، بۇلۇتقا ئوخشاش نۇرغۇن تۆشۈكلىرى بار. مەزكۇر تۆشۈكلەر ئارقىلىق ھاۋا ۋە پۇراقلار يۇقىرىغا يېتىپ بارىدۇ. مېڭىدىن كېلىدىغان ھۆللۈكلەرمۇ يەنە شۇ ھۆكۈنەك تۆشۈكلىرى ئارقىلىق سىزىپ چىقىدۇ. مەزكۇر سۆڭۈك تۆشۈكلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى بولۇشى سىرتتىن سۈمۈرۈلگەن ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر شىلىمشىق ۋە قويۇق خىلىتلار مەزكۇر تۆشۈكلەرنى توسۇۋالسا، بۇرۇن پۇراش سېزىمىنىڭ ھەرخىل دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


4. سىفلىس كېسەللىكى تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ كۆمۈرچەكلىرى، سۆڭەكلىرى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇپ، قاڭشار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، بۇرۇننىڭ پۇراش سېزىمى قىسمەن ئاجىزلىشىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. 


5. مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئوڭ-سول ئىككى قىسىمدا ياكى پۇراق سېزىمىنى ھاسىل قىلىش مەركىزى بولغان قىسىمدا مىزاچ ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن، پۇراش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق خەشەم ھەقىقىي خەشەم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 


بۇنىڭدا مىزاجنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلگىرى ئىسسىقلىق چارىلەرنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىن بولىدۇ. 


مىزاجنىڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلگىرى قۇرۇتقۇچى چارىلەرنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىن ياكى سەرسام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 


مىزاجنىڭ ھۆللۈكتىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلگىرى ھۆللەشتۈرگۈچى چارىلەرنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.