مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 893 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1.بۇرۇننىڭ سىرتقى يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش لازىم.بۇرۇننىڭ يارىلىنىشى بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنىڭ ئەڭ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرىدىن بىرى.كۆپىنچە بالىلارنىڭ بۇرنى بىر قېتىم زەخمىلەنگەندىن كيىن قايتا – قايتا قانايدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئۈسۈپ تاشلاپ بۇرنى قاتتىق نەرسىگە تېگىپ كېتىش،بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بۇرنىغا ئۇرۇۋېتىش ياكى بالىلار بۇرنىنى كولاپ يارىلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋللاردا كۆپ قانايدۇ.قان كېسەللىكى بولسا ( مەسلەن، قاناشقا مايىل كېسەل،قان پىلاستىنكىسى ئازىيىپ كېتىش خاراكتىرلىك ھۆسنە داغ قاتارلىق )ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

2.زۇكام ۋە نەپەس يۇلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.ئەگەر بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىسا قىرىتىپ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى جىددىي ھالدا قانغا تولىدۇ،ئىششىيدۇ،قان تۇمۇرلار كېڭىيدۇ،بۇرنلىرى قىچىشىيدۇ،چۈشكۈرىدۇ،نەتىجىدە بۇرۇن ئىچىدىكى قان تۇمۇرلارنىڭ يېرىلىپ كتىش ئېھتمالى كۆپىيىدۇ.شۇقداقلا قىزىتقاندىن كېيىن،ئاسپىرىن قاتارلىق قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى يېسە بۇ خىل دورىلار قاننىڭ ئۇيۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3.بالىلاردىكى تاماق تاللاش شۇنىڭدەك دائىم بۇرنىنى كولاشتەك يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.چەتئەللەردىكى بەزىلەرىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈپ كۆرۈشىدىن قارىغاندا بۇرنى تولا قانايدىغان بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى كۆكتات يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان،تەركىبىدە ۋېتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىلار ئىكىنلىكى سېزىلگەن.بەدەندە ۋېتامىن C كەمچىل بولسا قاناش ئاسان يۈز بېرىدۇ.          

4.بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتسە ئەھۋال ئېغىر بومىسىمۇ لېكىن سەل قارىماسلىق كېرەك.ئەڭ ياخشىسى بەش ئەزا بۆلۈم دوختۇرى بىلەن بالىلار كېسەللىكى بۆلۈمى دوختۇرلىرىغا بۇرۇننىڭ يەرلىك ئورۇننى ياكى پۈتۈن بەدەن ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك.قاناشنىڭ سەۋەبنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن،مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

5.بەزىبىر جۇڭيى دورىلىرىنى قاينىتىپ ئىچسە بۇرۇن قاناشنى داۋالاش ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.ئۇسللىر ئاددىي،ئاسان بولۇپ،قوشۇمچە تەسىرلىرى بولمايدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.