مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 757 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇش پۇراش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىغا قارىتىلماي، بەلكى پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ تەبىئىي ھالەتتىن ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان. ئۇ ئادەتتە ئۈچ خىل ھالەتتە ئۇچرايدۇ. 


1. بۇرۇننىڭ پۇراش قۇۋۋىتى ھەممە پۇراقنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ. 


2. بىرخىل پۇراقلىق نەرسىنى بىمار ئىككى خىل ھېس قىلىدۇ. 


3. بۇرۇن پەقەت سېسىق ياكى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ. ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ياكى ئايرىپ سېزەلمەيدۇ. 


سەۋەبى: 


1. بۇرۇن پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ ھەممە پۇراقنى بىرخىللا ھېس قىلىشتىكى سەۋەپ:


بىرىنچى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن، مىزاج ئىسسىق، قۇرۇق ۋە سوغۇق، ھۆللۈكتىن ئۆزگىرىپ پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇپ ھەممە پۇراقلارنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ. 


ئىككىنچى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ناچار خىلىت ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەن ياكى كۈچلۈك بۇزۇق كەيپىياتقا ئۆزگەرگەنلىكتىن، پۇراش قۇۋۋىتى داۋاملىق شۇ خىلىتقا خاس بىرخىل پۇراقنىلا سېزىدۇ. 


بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى، مەزكۇر خىلىتنىڭ مېڭىدىكى پۇراش مەركىزىگە يېقىن بولغانلىقى ھەمدە بۇ مەركەزنىڭ شۇ پۇراققا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ. 


2. بىرخىل پۇراقلىق نەرسىنى بىمار ئىككى خىل ھېس قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى ئورتاق سېزىم قوبۇل قىلىش ئورنىدا خىلىت (ماددا)لىق مىزاج بۇزۇلۇشى پەيدا بولغانلىقتىن، پۇراش قۇۋۋىتى بىرخىل پۇراقنى ئىككى خىل سېزىدۇ. 


3. بۇرۇننىڭ خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي، بەلكى پەقەت سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشتىكى سەۋە شۇكى، مېڭىنىڭ پۇراق سېزىش مەركىزىدە قان ياكى بەلغەم خاراكتېرلىك تەبىئىي تاتلىق ماددىلار يىغىلىپ قالغانلىقتىن، پۇراش قۇۋۋىتى خۇش پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ-دە، پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ ئەكسىچە پۇراقنى قوغۇل قىلىش خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى سەزمەي سېسىق پۇراقلارنىلا سېزىدۇ. 


بۇرۇننىڭ سېسىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي، بەلكى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمى ۋە ئىككى تەرەپتىكى پۇراق سېزىش مەركىزى بولغان ئىككى ئۆسۈكچىدە بۇزۇلغان سېسىق خىلىت (ماددا) پەيدا بولۇش ياكى بۇرۇن ئىچىدە يىرىڭلىق، ئوفۇنەتلىك چاقا پەيدا بولۇشتىن پۇراش قۇۋۋىتى سېسىق پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ-دە، پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ ئۆزى كۆنگەن پۇراقنىڭ ئەكسىنى سزىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن سېسىق نەرسىلەرنى سەزمەي خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.