مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1195 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1. بۇرۇن قانىغاندا، يېڭى كۈنجۈتنى سوقۇپ سۈيىنى بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا، قان دەرھال توختايدۇ. 

2. بۇرۇن قاناش ئادىتى بارلار كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ بۇرۇنغا كىرگۈزۈپ ئازراق تۇرغۇزسا تېز شىپا قىلىدۇ. 

3. يىلان بېشى ئۈنچىسىنى يانجىپ كۆيدۈرۈپ بۇرۇنغا كىرگۈزسە، بۇرۇن قاناش، قىچىشىش، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. 

4. كۈنجۈت يېغىنى ئۇپىغا ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇننى پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن ئىچىگە سالسا، دائىملىق بۇرۇن قاناش، دىماق پۈتۈپ قېلىش ۋە بۇرۇن ئىچى قىچىشىپ قىزىرىپ ئاغرىش كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. 

5. ئەگەر بۇرۇندا ئۆسمە بولۇپ نەپەس ئېلىش قىيىنلاشسا ۋە ئاغرىسا، قىزىل مىس بىلەن يار تۇزىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ياخشى سوقۇپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا گىرگۈزسە، ئۆسمە ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.