تۇغما پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى پۇراش سېزىمىنىڭ تۇغما ئاجىزلىقى ياكى تولۇق بولماسلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى:
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىدا مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بولۇشى ياكى بەزى كېرەكلىك ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، بوۋاقنىڭ پۇراش سېزىم ئەسەبلىرى تولۇق تەرەققىي قىلالماي، نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۈتۈنلەي ياكى چالا سېزەلمەس بولۇپ تۇغۇلۇپ قالىدۇ.
ئالامىتى:
بالىلارنىڭ ھەرخىل پۇراقلارنى تولۇق ياكى قىسمەن پۇرىيالمايدىغان ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىلىنىدۇ.
داۋاسى:
كېسەللىك ئەھۋالى يېڭى ۋە يەڭگىلرەك بولسا، پۇراش سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا، مەجۈنى مەسھا قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنى بالىنىڭ يېشىغا قاراپ بىر مەزگىل بەرسە پۇراش سېزىمى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.