مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1073 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇرۇن قۇرۇش بۇرۇن ئىچىدە ھېچقانداق مۇدۇر-چاقا بولماي ۋە باشقا ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي تۇرۇپلا ئۇزۇنغىچە قۇرۇپ كېتىپ نەملەشمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. 


سەۋەبى:

1. بەدەندە يۇقىرى ھارارەتلىك قىزىتما يەنى قىزىل، كېزىك، تەپ قاتارلىق ئۆتكۈر كېسەللىكلەر بولغاندا بۇرۇندىكى ھۆللۈك قۇرۇپ بۇرۇن قۇرۇش پەيدا بولىدۇ. 


2. ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان سىلدا بەدەن تەدرىجىي قۇرۇش نەتىجىسىدە بۇرۇن قۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ. زۇكام ۋە ئاتىشەكتىنمۇ بۇرۇن قۇرۇيدۇ. 


3. بۇرۇننىڭ دىماغدىكى تۆشۈكىگە شىلىمشىق خىلىت چاپلىشىپ، تاشقى تەرەپتىن پەيدا بولغانلىقتىن، بۇرۇن يولى توسۇلۇپ قالىدۇ ھەم مېڭىدىن چۈشىدىغان ھۆللۈكلەرمۇ توختاپ قالغانلىقتىن، بۇرۇندا قورغاقلىشىش يۈز بېرىدۇ. 


4. كۆپ سۇيۇقلۇق يوقىتىش، مەسلەن: كۆپ ئىچ سۈرۈش، ھەرخىل ناسۇرلار ياكى ھەرخىل قويۇق خىلىتلارنىڭ تەسىرىدىن ھاۋا يوللىرى ھەم سۇيۇقلۇق ئالمىشىش يوللىرى توسۇلۇپ قېلىشتىنمۇ بۇرۇن قۇرۇيدۇ. 


ئالامىتى: 

ھارارەتلىك ئۆتكۈر كېسەللىكلەردىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئومۇمىي بەدەندە سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا مەنسۇپ بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. 


سىل كېسەللىكى ۋە قۇرۇقلۇقتىن بولغان بۇرۇن قۇرۇشتا، ئومۇمىي بەدەن ئورۇقلاش، ئۇيقۇسىزلىق، قۇرغاقلىشىش، چۈشتىن كېيىن ئىككى مەڭزى قىزىرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يەنى تومۇرى ئىنچىكە، تېز سالىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.