ئالمىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن سىرت ئۇنى يەنە باشقا ئىشلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئالما شۆپۈكى لەۋنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنى، ئالما شۆپۈكىنى ئۇششاق چاناپ لەۋگە چاپسا يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چۈنكى ئالما تەركىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىب كالپۇكىنى نەم ۋە سىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭدەك كالپۇكنىڭ يېرىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شۆپۈكىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كالپۇكقا سۇرسىمۇ ئۇنىڭ كالپۇكنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئالما شۆپۈكىنى بەدەنگە سۈرسە ھارغىنلىقنى ئالىدۇ. كەچتە يۇيۇنغاندىن ئالما شۆپۈكىنى لاتىغا ئوراپ ئۇنى يۇيۇنىدىغان سۇغا سېلىپ قويۇپ يۇيۇنسا ياكى ئۇنى بىۋاستە بەدەنگە سۈرتسە ئالما تەركىبىدىكى پولىفىنول تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالمىنىڭ پۇرىقى ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلاپ ھارغىنلىقنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئالما شۆپۈكى قازاننىڭ قارىسىنى ئالىدۇ. قازان ۋە چۆگۈننىڭ تېگىنى ئوتقا تۇتىۋەرگەچكە قارىداپ كېتىدۇ، ئۇنى ئادەتتە يۇيۇشمۇ بەك تەسكە توختايدۇ. بىراق ئالما شۆپۈكىنى سۇدا قاينىتىپ ئۇنىڭ سۈيىدە قارىداپ كەتكەن قازان ۋە باشقا ئاشخانا بۇيۇملىرىنى يۇيغاندا ئالما شۆپۈكىدىكى ئورگانىك كىسلاتا بىلەن قازاننىڭ قارىسى خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.