مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2001 رەت   / مەنبە: -

بىرىنچى رېتسىپ:

ئېيىق مېيىنى ئاپتاپتا  ياكى قازاندا ئېرىتىپ چىگىردىكىنى ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك مۇپاسىل، پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، بېغىشلارنىڭ ئاغرىشىدا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

 

ئىككىنچى رېتسىپ:

تۆگىنىڭ مېڭىسىنى پىشۇرۇپ ، ھەسەل بىلەن يەپ بەرسە ، ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدۇ.

 

ئۈچىنچى رېتسىپ:

ئادراسمان ئۇرۇقى، ئەنجۈر ۋە خورما ئۇرۇقلىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ ، ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ كالا يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە ، تىز بۇغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 

تۆرتىنچى رېتسىپ:

سەقەنقۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان گۆشىنى ئۇسۇڭ ئۇرۇقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ ، تالقانلاپ ئېستىمال قىلسا ، مۇپاسىلغا شىپا بولىدۇ.

 

بەشىنچى رېتسىپ:

قوي، كالا سۆڭىكى، زەمچە، زاك، ئوبھەل مۇۋاپىق مىقداردا . قوي ، كالا سۆڭەكلىرىنى مىس قازاندا كۆيدۈرۈپ ، باشقا دورىلارنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ، ئېھتىياجىغا قاراپ ، بېلىق يىلىمى بىلەن قوشۇپ زىماد قىلىنىدۇ.

بۇ غەيرىي تەبىئىي بەلغەم  خىلىتىدىن بولغان مۇپاسىلغا شىپا بولىدۇ. تەييارلانغان زىماد يەرلىك ئورۇنغا تېڭىلىدۇ.

 

ئالتىنچى رېتسىپ:

يىلان ، سۆرۈنجان ، مۇدەببەر قىلىنغان كۇزۇلا ، سەبرە، ئادراسمان ئۇرۇقى ، شاترەنجى ھىندىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تاسقاپ قايناق سۇ بىلەن كۆك ماش چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.

بۇ ھەب رېماتىزىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ . كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 دانىدىن يېيىلىدۇ.

ھايۋانات ئەزالىرى بىلەن كېسەل داۋالاش ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.