مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنى  كۆرۈلىشى: 6750 رەت   / مەنبە: -

1.رېتسىپ: ئىسسىقتىن بولغان ئېغىز ۋە تىل ياللۇغىدا سېمىز ئوتنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ ئېغىزغا ئالسا دەرھال ئاغرىق توختىتىپ،ياللۇغ قايتۇرىدۇ.

2.رېتسىپ: كىشى ئاۋازى سۈزۈك، گاۋاڭ-گۇرۇڭدىن خالى ساپ بولۇشنى خالىسا تۆۋەندىكى چارىنى قىلسۇن: ناۋاتتىن 3 گىرام، پىستە مېغىزى 9 گىرام، ئاقلانغان بادام مېغىزى 9 گىرام ، سېرىق ماي 9 گىرام ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ شۈمۈپ بەرسە بۇنىڭ بىلەن ئاۋاز ساپلىشىدۇ.

3.رېتسىپ: سېرىق ھېلىلىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن ناشتىدا سوغۇق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە سەپرادىن بولغان كونا باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4.رېتسىپ:بىر مىسقال قارامۇچنى سىركە بىلەن قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، قۇرۇت يېگەنلىكتىن بولغان چىش ئاغرىقى توختايدۇ. 

5.ئاپتاپ ئۆتۈپ كەتكەن ياكى قىزىتىپ قالغاندا سىركىنى ئالىقان،تاپان ۋە ئىككى چېكىگە سۈرۈپ بەرسە قىزىتمىنى چۈشۈرىدۇ. بىر-ئىككى يۇتۇم ئىچىپ بەرسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.