مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى  كۆرۈلىشى: 4726 رەت   / مەنبە: خەۋەر تورى

لەيلى گۈل ــ تۈگمە گۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەخمىنەن 1-2 مېتىر ئەتىراپىدا ئۆسڭدۇ. خەلق ئارىسىدا «لەيلىقازاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۈلى ئاق، سۇس قىزىل، قارامتۇل ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقى بۆرەك شەكىللىك بولۇپ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ.گۈلى6-8-ئايلاردا ئېچىلىدۇ، ئۇرۇقى9-10-ئايلاردا پىشىدۇ.ئادەتتە كىشىلەر ئاق ئېچىلغىنىنى ئاق لەيلى، قىزىل ئېچىلغىنىنى قىزىل لەيلى دەپ ئاتايدۇ.

گۈلى،ئۇرۇقى، يىلتىزى دورا ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. گۈلى 6-8-ئايلاردا ئېچىلغاندا، ئۇرۇقىنى 9-10-ئايلاردا، يىلتىزىنى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇلۇپ ساقلىنىدۇ.

ئاق لەيلىگۈلنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %37 ئەتراپىدا كىراخمال بولغاندىن سىرت، قەنت ۋە يېلىم قاتارلىقلار بار. يىلتىزىدا %35 يېپىشقاق ماددا، %37 كىراخمال ۋە ئاز مىقداردا شېكەر قاتارلىقلار بار بولۇپ، يوقىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە، ياللۇغ قايتۇرۇش، سىلىقلاش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۇچەي ياللۇغى، زۇكام، تولغاق، مۇپاسىل (بۇغۇم ئاغرىقلىرى) كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا تۇۋەندىكىدەك دورىلىق روللىرى بار.

1. ئاق لەيلىنىڭ گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، ئۇندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ كۇنىگە 4-5 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ياللۇغى ۋە بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاق لەيلىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بادام يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ، كۇنىگە7 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئاق لەيلىگۈلنىڭ يىلتىزىنى سوقۇپ، تاسقاپ، ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ يۇزگە چاپسا، يۇزدىكى داغ، سەپكۇننى چۈشۈرىدۈ.

4. ئاق لەيلىنىڭ سوقۇلغان ئۇرۇقىنى ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئەزالاردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.

5. ئاق لەيلىگۇل يىلتىزى، ئاقمۇچ، زىخ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، سۇيىنى ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

6.ئاق لەيلى يىلتىزىنىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ تاش پوستىنى توغراپ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ

7. ئاق لەيلى يىلتىزى پوستىدىن 10گىرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ئاغرىقلىرى، تولغاق، ئۇچەي يارىسى، ئاستا خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈشكە پايدىلىق.

8. ئاق لەيلىگۈلنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، ئەھۋالغا قاراپ كاپ قىلىپ بەرسە، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ.

9.ئاق لەيلىگۇلنى سوقۇپ، ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ئاق كېسەلگە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.