مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3232 رەت   / مەنبە: 80 خالتا بىلوگى

ئادەتتىكى قەۋزىيەت ياكى يېڭىدىن بولغان قەۋزىيەتلەرگە دورا ئىشلىتىمىسىمۇ بولىدۇ. مېۋە -چىۋىلەر، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ھەسەل، سۈت، قېتىق ئىچىش ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ۋە قەۋزىيەتنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئادەتلەنگەن ئېغىرراق قەۋزىيەتكە :

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا1-2 قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بىرىدۇ ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز سىلىپ ئىچىپ بىرلىدۇ.

سانادىن 15-30 گىرامنى قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.

يېڭى كۈدىنى يانچىپ سۈيىگە ئازىراق ئىلىمان سۇ قۇيۇپ ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

تاتلىق ياڭيۇدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسىمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

تەرەنجىبىن ئىرىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئۇچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلاردىن : قۇرسى تەنىكار، ھەببى رەۋەن، مەجۈنى سانا دېگەنلەرنىڭ قايسىسى بولسا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.