مەن 3000 دىن ئارتۇق ھەزىم قىلىش يولى يارىسىغا گىرىپتار بولغان كېسەلنى كلىنىكىلىق كۆزىتىپ، پەقەت سۇ بىلەنلا داۋالىدىم. نەتىجىنى خەلقئالەمگە جاكارلىدىم. پۈتكۈل تېببېي ساھەدە تۇنجى بولۇپ بۇ خىل (كونا) كلاسسىك كېسەللىكنىڭ سۇغا بولغان تەسىرىنى بايقىدىم، كلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئوخشاش سىرتقى مۇھىت ۋە كلىنىكىلىق شارائىت ئاستىدا، سۇ باشقا كېسەللىكلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ، نۇرغۇن تەتقىقاتلار كلىنىكىلىق كۆزىتىشىمنى ئىسپاتلىدى. ئادەم بەدىنىدە بىر (پۈتۈن) سىگنال سىستېمىسى بار بولۇپ، ئۇ سۇ يېتىشمىگەنلىك سىگنالىنى تارقىتالايدۇ. ھەرقېتىم سۇ يېتىشمىگەندە ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ. بىر قاتار كلىنىكىلىق تەتقىقات ۋە ماقالىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ئويلايدىكەنمىز، چوقۇم ھازىرقى (ئاساسلىق ئورۇندىكى) بەدەنگە قوللىنىدىغان تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ھازىر قوللىنىلىۋاتقان كلىنىكا مېدىتسىناسى ئېنىقلا پەرەز ۋە توغرا بولمىغان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇنداق بولمىسا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى سۇ مېتابولىزمىنىڭ قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ ياكى كۆرۈپمۇ بايقىيالمايدۇ. ھازىرغا كەلگۈچە كىشىلەر ئىزچىل <<ئېغىز قۇرۇش>> نى سۇسىزلىنىشنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ كەلدى. مەن بايا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم، <<ئېغىز قۇرۇش>> بەدەننىڭ ئۆتە سۇسىزلىقتىن تارقاتقان ئەڭ ئاخىرقى سىگنالى، <<ئېغىز قۇرۇش>> سىگنالىنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى سۇسىزلىق ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت (پەيدا بولغان)، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار بەدەننىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە نىسبەتەن سۇ يېتىشمىگەندە، تاماقنى چايناش ۋە يۇتۇش ئۈچۈن ئېغىز بوشلۇقىنىڭمۇ شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن بايقىغان.
ئەلۋەتتە، پەقەت ئۇزۇن مەزگىللىك، ئۈزلۈكسىز سۇ كەمچىللىكلا ئاندىن سوزۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىللىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. سۇ كەمچىللىك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا قالايمىقانلىشىش كېسەللىكىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بار. مەسىلەن. ۋىتامىن C كەم بولغاندا ئادەم ئاسانلا قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە، ۋىتامىن B كەمچىل ئادەم ئوڭايلا بېرىبېرى كېسىلىگە، تۆمۈر كەم بولسا ئوڭايلا قان ئازلىق كېسىلىگە، ۋىتامىن D كەم بولغاندا راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يۇقىرقى كېسەللەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنسەكلا، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىرقەدەر ئاسانغا توختايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.