مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 945 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھەربىر جانلىقنىڭ شەكلى قانچىلىك مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن سۇنىڭ ھەربىر جانلىقتا ئوينايدىغان رولى ئۆزگەرگىنى يوق. ئادەم قۇرۇقلۇقتا ياشىغاچقا بەدىنىدە سۇ ساقلايدىغان بىر مۇكەممەل سىستېما بولىدۇ. بۇ سىستېما بەدەندە كۆپ مىقداردىكى سۇنى زاپاس ساقلايدۇ. بۇ سۇ بىدەن ئېغىرلىقىنىڭ %75 تىنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا ئادەم قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋاقىتلىق سۇ كەمچىللىككە ماسلىشالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم بەدىنىدە يەنە قۇرغاقلىقنى كونترول قىلىدىغان مېخانىزم بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولغاندا بەدەندىكى زاپاس ساقلانغان سۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەقسىملەش، بۇنىڭ قانۇنىيىتى مۇھىم ئەزالارنى ئاۋۋال سۇ بىلەن تەمىنلەپ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش. سۇنىڭ تەقسىملىنىشىدە چوڭ مېڭە مۇتلەق (ئالدىنقى ئورۇندا) تۇرىدۇ. چوڭ مېڭە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 50\1 قىسمىنى ئىگىلىگەن. بىراق ئېتىبار بىلەن ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ %20 - %18 ىنى قوبۇل قىلىدۇ. سۇنىڭ نىسبىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرغاقلىقنى كونترول قىلىش مېخانىزمى شۇنچىلىك ئىنچىكىكى، سۇنى تەقسىملىگەندە بەدەندىكى بارلىق ئازالار نازارەت قىلىنىپ، ئاۋۋال بېكىتىلىپ قويۇلغان نىسبەت بويىچە تەقسىملىنىدۇ ھەمدە ھېچقانداق ئەزا ئارتۇق ئىگىلىۋالمايدۇ. بەدەننىڭ بارلىق فۇنكىسىيىسى سۇ مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنىڭ كونترول قىلىش مېخانىزمى ئاۋۋال مۇھىم ئەزالارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، باشقا ئەزالاردا سۇ يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىرخىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ مەلۇم دائىردىكى سۇ كەمچىل بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل ھالەت دۆڭگە چىقىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا سۇ كەمچىل بولسا، ( ئىسسىقلىق تارقاتقۇچتىن ھور چىقىپ كېتىدۇ) دەرھال ئىسسىق ھاۋا تارقىتىدۇ. 

بەدەندىكى قۇرغاقلىقنى كونترول قىلىش مېخانىزمى سۇ يېتىشمىگەنلىك سىگنالىنى تارقاتقاندىن كېيىن ئادەم دەرھال ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. سىگنال كۈچلۈك بولغانسېرى ئۇسساش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ:  ئۇسساشنىڭ دەرىجىسى ئېغىرلاشقانسېرى بەدەننىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى شۇنچە جىددىي بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم مۇشۇنداق ئاددىي ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ. بەدەن جىددىي سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا بىز ساپ سۇ بىلەن ئەمەس بەلكى چاي، قەھۋە، ھاراق ياكى سانائەت ئىچىملىكلىرى بىلەن بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز. 

شۇنىسى ئېنىقكى، چاي، قەھۋە ۋە سانائەت ئىچىملىكلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى سۇ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەنگە پايدىلىق بولغان بەزى ماددىلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شۇنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، چاي، قەھۋە ۋە سانائەت ئىچىملىكلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى سۇسىزلاندۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بەدەندىكى سۇنى تېز سۈرئەتتە بەدەن سىرتىغا ھەيدەپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى زاپاس سۇنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ چاي، قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنسېرى كىچىك تەرەتنىڭ بەكرەك قىستايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بەدىنىمىز سۇغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ ئۇسسىغاندىلا، بىز چاي، قەھۋە، سانائەت ئىچىملىكلىرىبىلەن ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭلىق بىلەن بەدىنىمىزنىڭ سۇغا بولغان ھېچقانداق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايمىز. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سۇنىڭ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىدۇ. مېتابولىزم قالايمىقانلاشقان ھامان بەدەننىڭ بەزى بۆلەكلىرىگە سۇ يېتىشمەي قۇرغاقلىقنى كونترول قىلىش مېخانىزمى ئۇسساش سىگنالى تارقىتىپلا قالماستىن، ئېغىز قۇرۇش ۋە تۆۋەندىكىدەك تېخىمۇ كۆپ ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ: 


بېلىڭىز ئاغرىيدۇ.

بويۇن ئومۇرتقىڭىز ئاغرىيدۇ. 

ھەزىم قىلىش يولى يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ. 

يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

زىققا ۋە سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا سىزنى ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. 


نېمىدېگەن خەتەرلىك ئاقىۋەت، نېمە دېگەن چوڭ ئاپەت بۇ! ئەمما سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى. شۇڭلاشقا مەن نۇرغۇن بىمارلارغا شۇنداق دەيمەن : <<سىز كېسەل بولمىدىڭىز ئۇسساپ قاپسىز>>، ھەر قېتىم مۇشۇنداق دېگەندە بىمارلار ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش دائىم مۇشۇنداق. بىز دائىم ئاددىي نەرسىلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىمىز. ھەتتا مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئۆزىمىز چۈشىنەلمەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىمىز. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.