سوئال: نېمە ئۈچۈن %30 ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن؟
جاۋاپ: چۈنكى ئۇلارنىڭ تونۇشىدا تۈپكى خاتالىق بار.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى ۋاقىتتا سۇسىزلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەمدە <<سۇيۇقلۇق>> بىلەن <<سۇ>> نىڭ پەرقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
بىز پەك ۋە پاتروس ئەپەندىمنىڭ خېتىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. يەنە پولىسشىلا پۇلىستىن بىلەن دونا گۇتاسنىڭ خېتىمۇ بار. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، سۇنى ئاساسىي ئىچىملىك قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى 30-45 قاداققىچە يېنىكلىگەن. بىر ئايالنىڭ ئېغىرلىقى ئالتە يىل ئىچىدە 58 قاداق ئېغىرلىغان، لېكىن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يەنە تەدرىجىي ئەسلىگە قايتقان. ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يۇقىرىقىدەك ئىسپاتلار بولمىغان بولسا، بۇنى <<بەك ئاددىي بولۇپ كېتىپتۇ>> دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئېنېرگىيە بولغاندىلا، چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي كونترول قىلىش سىستېمىسى نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. ئۇ ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئېنېرگىيە ئازلىغاندا، ئادەم سۇسىزلىق ھەم ئاچلىق ھېس قىلىدۇ. ئادەم تېنى ياغدىن كەلگەن ئېنرگىيىنى ئىشلەتكەندە، ھورمۇننى قويۇپ بېرىشكە موھتاج بولىدۇ. بۇ بىر جەريان (بەدەن ھەرىكىتى ئېنېرگىيىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە موھتاج) بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتقا موھتاج، ئەمما چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى جىددىيراق بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمى سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدۇ ياكى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىدۇ. چوڭ مېگە نورمال خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئېنېرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۇنىڭ توشۇش سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سۇسىزلىق ھەم ئاچلىق سېزىمى بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ. بۇ بولسا چوڭ مېڭە ئېھتىياجىنىڭ سىگنالىدۇر. بىز سۇسىزلىق سېزىمىنى پەرق قىلالمايمىز. ئىككى خىل سىگنالنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قورساق ئېچىشنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارايمىز. بەدەن سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتسا، بىز پەقەت تاماقلا يەيمىز. ئورۇقلىغان ئۇ كىشىلەر تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىپ، بۇ ئىككى خىل سېزىمنى ئايرىۋەتكەن. ئۇلار بەدەننىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرماي تۇرۇپ، ئارتۇقچە تاماق يەۋالغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.