تۇز بولسا بەدىنىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى. مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزغاندا ئوكسېگىن، سۇ، تۇز، كالىي قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىدۇ.
ئۇلار ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئېلېمېنلاردۇر. تەخمىنەن مىلادىيە 75-يىلى پۇلېنىي تۇز بولسا ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى چوڭ تولۇقلىغۇچىسى>> دەپ ئېيتقان. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا. ئادەم بەدىنىدىكى تەخمىنەن %27 تۇز كرىستال ھالەتتە سۆڭەكتە ساقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۇزنىڭ كەمچىل بولۇشى سۆڭەك شالاڭلىشىپ كېتىشنىڭ بىر سەۋەبلىكى بولۇشى مۇمكىن.
قاندا چوقۇم مەلۇم مىقداردا تۇز بولۇشى كېرەك. ئەگەر تۇز يېتىشمىسە، قان سۆڭەكتىن تۇز قوبۇل قىلىدۇ.
تۇز ئىستېمال قىلىش يېتەرلىك بولسا، كىسلاتا مەلۇم ھۈجەيرىلەردە يىغىلىۋالىدۇ. ھۈجەيرىدىكى كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى بولسا، DNA تۇزۈلۈشىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەلۇم ھۈجەيرىلەردە راكنى بىخلاندۇرىدۇ: تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، نۇرغۇن راك كېسەللىرىنىڭ بەدىنىدە تۇزنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ.
مەن كېلەر قېتىمقى <<راك ۋە خامۇشلۇق>> دېگەن كىتابىمدا سۇ ۋە تۇزنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمەن.
مەن يەنە بىر قېتىم قايتىلاپ ئۆتەي، پەقەت ناترىي تۇزى سۈمۈرۈلگەندىلا ئاندىن بەدەندىكى سۇنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بىر قىسىم سۇ بۇ خىل << سۇلۇق ئىششىق سۇيۇقلۇق>> دىن سۈزۈلۈپ، ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىر قىسمى ھۈجەيرىگە كىرىدۇ، بۇ سۇنىڭ تازلىنىش قانۇنىيىتىگە ئوخشايدۇ. بەزى رايونلاردا تاتلىق سۇغا بىۋاستە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. سۇ تۇرۇبا زاۋۇتلىرى تەتۈر ئوسموتىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ رايونلارغا ئىچىملىك سۇ ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا سۈزۈش بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم .
دىققەت: ئىچىلگەن سۇ كۆپىيىپ، بەدەنگە كىرگىنى كۆپەيمىسە بەدەندە تۇز كەمچىل بولۇش كۆرۈلىدۇ. ئۈزۈلدۈرمەي نەچە كۈن ئالتە ئىستاكان، سەككىز ئىستاكان ھەتتا ئون ئىستاكان ئىچكەندىن كېيىن ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنى ئاشۇرۇشنى ئويلاشساق بولىدۇ. ئەگەر كەچلىرى مۇسكۇللىرىمىز تارتىشسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇز كەملىكنىڭ ئىپادىسى، مۇسكۇل ھەرىكەتلەنمەي تارتىشسا بەدەنگە تۇز كەمچىللىكنىڭ بېشارىتى. بۇنداق ئەھۋاللاردا كۆرۈلسە، سىز ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، كۆكتاتلار، مېۋە-چېۋىلەر، بۇلار سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلاردۇر. ئەگەر ئوزۇقلۇقنى كونترول قىلغان، ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، يۇقىرىقىدەك قىلىشىڭىز كېرەك.
مەن بىر خىل ئاددىي ھەم ئەپچىل، سۇنىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىنى ھېسابلايدىغان ئۇسۇلنى قوللاندىم. ئەەر ھەر كۈنى ئون ئىستاكان سۇ ئىچسە، يېرى قوشۇق تۇز (قوشۇش) كېرەك. بىر قوشۇق تۇز ئالتە گرام دېيىلسە يېرىم قوشۇق تۇز ئۈچ گرام كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، كىشىلەر بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بولمىسا بەدەن ئىششىپ كېتىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز، ئوشۇقىڭىزنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، ھودۇقۇپ كەتمەڭ. بىرنەچچە كۈن ئىششىق يانغىچە ئىستېمال قىلغان تۇزنى كېمەيتىپ، سۇنى ئاشۇرسىڭىزلا بولىدۇ. سىز يەنە كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، كۆپ چېنىقىشىڭىز كېرەك. مۇسكۇل ھەرىكىتى ئارتۇق مىقداردىكى سۇنى ئېقىۋاتقان قانۈغا سىقىپ ئاپىرىدۇ، بىر قىسىم تۇز تەر ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىرخىل ھالەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرماڭ.
سەۋزە ئوزۇقلۇق ئارىسىدىكى زۆرۈر ماددا B-كاروتېن بولسا ۋىتامىن A نىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ، ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، جىگەر مېتابولىزمىغا مۇتلەق پايدىلىق. ئاپلېسىن سۈيى تەركىبىدە كالىي بار، بەدەنگە كىرىدىغان سۇيۇقلۇق ئىچىدە ئۇ بولۇشى كېرەك.
دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ ئاپلېسىن سۈيى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. ئاپلېسىن سۈيى كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى كالىينىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ھىستامىن ئېشىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ زىققە كېسىلىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، مەن بىر ئاددىي تەكلىپنى بەرگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئاپلېسىن سۈيى ئىچىشكە چەكلىمە قويۇش، ھەركۈنى پەقەت بىر ئىستاكان، ئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى ئىستاكان، قالغىنىنى سۇ بىلەن تولۇقلاش، مەن بۇ پاراگرافتا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم: نۇرغۇنلىغان ئادەتتە ئىشلىنىدىغان دورىلارنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ھىستامىنغا قارشى تۇرۇش رولى بار، نەچچە خىل كۈچلۈك دورىلار نېرۋا كېسەللىرىگە ۋە خامۇش كېسەللەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. بازارلاردا سېتىلىدىغان نۇرغۇن خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنىڭ ھەممىسى ھىستامىنغا قارشى دورىلار. چۈنكى باھاسى ئەرزان، بەزى ئاشقازان ئۈچەي مۇتەخەسىسلىرى بۇ دورىلاردىن پايدىلىنىپ ئاشقازان يارىسى كېسەللىرىنى داۋالايدۇ. بۇ خىل دورىلار بازارلاردا ئىنتايىن كۆپ، بۇلار بۇرۇنقى قارشىلىق قىلغۇچىلاردىن ئەرزان، بۇ بازار رىقابىتىنىڭ نەتىجىسى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.