تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشمۇ سۇسىزلىنىشتىن كېلىپ چىققان. ئۇخلىغاندا يوتقاننى بەك كۆپ يېپىۋەتسە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە پايدىسىز. ھاراقنى كۆپ ئىچىش ھۈجەيرىنىڭ بولۇپمۇ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقنى ئاز يېيىش ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى ھىستامىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بولغاندا بەدەن سۇسىزلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەردۇر. تۈپ نېگزىدىن ئېيتقاندا، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش بەدەن تېمپۇراتۇرىسى <<ئىسسىقلىق بېسىمى>> ئاستىدا ېئلىپ بارغان تەڭشەشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇسۇل بەلگىلىك ۋاقىتتا، بەلگىلىك مىقداردا سۇ ئىچىش، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر يېتەرلىك سۇ بىلەن ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىچىش كېرەك. يېتەرلىك مىقداردىكى سوغۇق سۇ ياكى مۇزلىغان سۇ ئادەم بەدىنىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بەدەننىڭ ۋە (مېڭىنىڭ) تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى قىسقارتىدۇ. چۈنكى قان تومۇرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كېتىشىمۇ باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
ماۋېس باتلېر خانىمنىڭ كېسەللىك تارىخى ئىنتايىن قىزىقارلىق. كۆپ يىللاردىن بېرى، ئۇ باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ كېسەل قوزغالغاندا، داۋاملىق كارىۋاتتىن قوپالمايتتى. ئۇ تاسادىپىي مېنىڭ كىتابىمنى ئوقۇپ قاپتۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىپتۇ. ئۇ ماڭا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ كۆپچىلىككە بىلدۈرگۈسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بېقىڭلار. بۇ بىر ھەقىقىي ھېكايە. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ھالدا: بىز سۇنىڭ مۇھىملىقىدىن نېمىشقا بۇنچىلىك خەۋەرسىز؟ بەزىلەر سۇ كەملىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان. شۇڭا چوقۇم سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچىپ تۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.